تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قىلىدىغان ئىش بولۇش نامراتلىق يىلتىزىنى ئۈزۈپ تاشلاش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش «مەخپىي شىفىرى» 

 قىلىدىغان ئىش بولۇش نامراتلىق يىلتىزىنى ئۈزۈپ تاشلاش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

كۆز قاراش ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئەگۈس يېزىسى ھويلا مەھەللىسى كەنتىنىڭ نامرات قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تىرىشىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى كۈچلۈك بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش «مەخپىي شىفىرى»: قىلىدىغان ئىش بولۇش، نامراتلىق يىلتىزىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.

چاقىرىپ ئەكېلەلمەسلىكتىن تالىشىپ تۇرۇپ بېرىشقىچە

ھويلىلارنى تازىلاش، كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇش، رەتلەش... 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھويلا مەھەللىسى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەسەن ئىگەم خوتۇنى بىلەن ھويلا - ئارانلارنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. مۇخبىرنىڭ سوراپ بىلىشىچە، بۇ ئەر - خوتۇن ئۆيىگە مېھمان كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇزاق ۋاقىت سىرتقا چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيىنى يىغىشتۇرۇۋاتقان ئىكەن.

ھەسەن ئەر - خوتۇن پات ئارىدا كورلىغا بېرىپ لازا تېرىيدۇ، ئۇلار لازا تېرىپ بولغاندىن كېيىن كېۋەزلىكنى پەرۋىش قىلىشنى، پاختا ئېچىلغاندا پاختا تەرگۈچى بولۇپ، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا قايتىپ كېلىشنى پىلانلىدى. «2018 - يىلى مەن ئىشلەمچىلىك قىلىپ 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم، شۇ يىلى ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇلتۇر ئەر - خوتۇن ئىككىمىز بىللە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتۇق، بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىمىز» دېدى بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن ھەسەن.

ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئوچۇق - يورۇق، سۆزمەن بولۇپ، مۇخبىرنى قىزغىنلىق بىلەن چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. «بىز بىللە بارساق، تۇرمۇشتا بىر - بىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىكەنمىز، يەنە كۆپ پۇل تاپالايدىكەنمىز، ئۇ مەندىن يامان، مەن بىر كۈندە 100 كىلوگىرام پاختا تەرسەم، ئۇ 130 كىلوگىرام تېرەلەيدۇ» دېدى ھەسەن پەخىرلەنگەن ھالدا.

ھويلا مەھەللىسى كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى ۋۇ ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كورلىغا بېرىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان كەنت ئاھالىسىدىن 32 ئادەم بار، بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يەنە بىر تۈركۈم ئادەم شىمالىي شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىككە ماڭدى، «بۇ ئىككى تۈركۈم كەنت ئاھالىسى ئىشلەمچىلىك قىلسىلا، كەنتنىڭ بۇ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 1000 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

بۇنداق ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋۇ ۋېي دائىم ئويلايتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تىرىشتى. ۋۇ ۋېي شىنجاڭ كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى، 2018 - يىلى 1 - ئايدا كەنتكە كېلىپ 1 - شۇجى بولدى. «بىزنىڭ كەنتىمىز تاغ باغرىغا جايلاشقان، يېرى ئۈنۈمسىز، يىرىك يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسى ناھايىتى ئاجىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول» دېدى ۋۇ ۋېي.

ئۇنىڭ كەنتكە كېلىپ بېجىرگەن بىرىنچى ئىشى نامرات ئائىلىلەرنى ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش بولدى. شۇ چاغدا شۇنچە چوڭ دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى. ۋۇ ۋېي كۆپچىلىككە لېكسىيە سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭ لېكسىيەسى كەنت ئاھالىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ قەلبىمۇ لەرزىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاۋۋال ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسىنى تىزىملاتسا، ئۆزىنىڭ ئىش ئورنى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، يىغىن تارقىدى، كەنت ئاھالىلىرىمۇ قايتىپ بولدى، بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسىنى تىزىمغا ئالدۇرمىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ۋۇ ۋېي كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، چۈشەندۈردى، سەپەرۋەر قىلدى، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشكە ياردەم بەردى، بىر، ئىككى، ئۈچ... تەدرىجىي بەزى كەنت ئاھالىلىرى ھەرىكەتكە كەلدى، پۇل تاپتى، ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا سەپەرۋەر قىلىشتىكى يېڭى كۈچكە ئايلاندى، ھەسەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەشكە قاتناشتى.

«ھازىر ئىشلەمچىلىك پۇرسىتى بولسىلا، كەنت ئاھالىلىرى تالىشىپ تۇرۇپ بارىدۇ، بىزنىڭ يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قەشقەر شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ۋە ئىگىلىك تىكلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىمىز بار!» دېدى ۋۇ ۋېي.

يانچۇق پۇلغا تولدى، كاللىمۇ ئېچىلدى

كەنت ئاھالىسى ھاشىخان ئوبۇلھەسەننىڭ ئۆيىدە، مۇخبىر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. «تۇرسۇننىسا دائىم پۇل ئەۋەتىپ تۇرىدۇ؛ توڭلاتقۇ، كىرئالغۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇ سېتىۋالغان؛ مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇنى كۆرۈپ كەلدىم، ئۇ بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ...» تۇرسۇننىسا تۇرغۇن ھاشىخاننىڭ قىزى، شۇنداقلا كەنتتىكى «كۆزگە كۆرۈنگەن» شەخس.

2018 - يىلى 2 - ئايدا، ۋۇ ۋېي بۇ ئۆيگە زىيارەتكە كەلگەندە، تۇرسۇننىسا سۇپىدا ئولتۇراتتى، ئۇچىسىغا ئاپىسىنىڭ كونا پاختىلىق چاپىنىنى كىيىۋالغان بولۇپ، روھى چۈشكۈن كۆرۈنەتتى. «ئۈرۈمچىدىكى بىر مېھمانخانا بىزنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بېرىشنى خالامسىز؟» دەپ سورىدى ۋۇ ۋېي. تۇرسۇننىسا قورۇنغان ھالدا بېشىنى چايقىدى.

تۇرسۇننىسانىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، ئېتىزدىن كىرگەن كىرىمگە تايىنىپ جاپالىق كۈن ئۆتكۈزەتتى، ئۇ ئىلگىرى يېقىن ئەتراپتا پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ باققان بولسىمۇ، كىرىمى چەكلىك ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۇنداق يىراق جايغا بېرىشقا جۈرئىتى يوق ئىدى.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، تۇرسۇننىسا ۋۇ ۋېيغا: «مەن بېرىپ سىناپ باقاي، بولمىسا قايتىپ كېلەرمەن» دېدى. بۇ جاۋاب ۋۇ ۋېينى ناھايىتى خۇشال قىلدى. ناھايىتى تېزلا، ئالتە كەنت ئاھالىسى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. 20 كۈندىن كېيىن ۋۇ ۋېي دەم ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتقاندا ئۇلارنى يوقلاپ باردى، تۇرسۇننىسا كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتاتتى، چىرايلىق خىزمەت فورمىسى كىيگەن، مەڭزى قىزارغان بولۇپ، ئۇ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئىش ئورنى ۋە يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ۋۇ ۋېي ھەر قېتىم قايتقاندا كۆپچىلىكنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، يەنە كىچىك سوۋغاتلارنى ئېلىپ باردى. «ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆزگىرىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، روھى بارغانسېرى كۆتۈرۈلدى، پۇتۇڭخۇانىمۇ بارغانسېرى ياخشى سۆزلەيدىغان بولدى». ۋۇ ۋېي كۆپچىلىكنىڭ ھالىتى ۋە خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنى قىسقا سىنغا ئېلىۋېلىپ، دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىدىكى تېلېۋىزوردا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدە مەيىن دولقۇن قوزغىدى.

بۇلتۇر 6 - ئايدا، ۋۇ ۋېينىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، تۇرسۇننىسا ۋە يەنە بىر كەنت ئاھالىسى كەنتكە قايتىپ كېلىپ، كۆپچىلىككە ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئېرىشكەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى. تۇرسۇننىسا مۇنداق دېدى: «ئەمگەكچان بولغاندىلا بېيىغىلى بولىدۇ، مەن بىر ئايدا 3000 - 4000 يۈەن تاپالايمەن، يۇرتداشلار سىلەرمۇ ھەرىكەتكە كېلىڭلار!».

چىرايلىق، تېتىك تۇرسۇننىسا ياشلارنىڭ ھەۋەس قىلىدىغان ئادىمى بولۇپ قالدى، كۆپچىلىك ۋۇ ۋېينى ئىزدەپ كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ۋۇ ۋېي كۆپچىلىككە خىزمەت تېپىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى.

«ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تۇرسۇننىسانىڭ روھىنى پاكلىدى، ھازىر ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، ئىدىيەسى ئازاد بولدى، يانچۇقى پۇلغا تولدى، كاللىسىمۇ ئېچىلدى» دەپ باھا بەردى يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەگۈس يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى يىڭچۈن.

ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش - يۆلەش

ھەممە كەنت ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئەمەلىي شارائىتى يوق، بۇ كىشىلەر قانداق قىلىدۇ؟ ۋۇ ۋېي جەزمەن كۆپ يول ئارقىلىق ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش كېرەك، دەپ قارىدى.

مۇخبىر كەنتتىكى ياغاچچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلگەندە، دەرۋازا چىڭ تاقاقلىق ئىدى. ئەجەبلىنىپ تۇرغاندا، ياغاچچى ھەسەن ئۆمەر ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى: «بۇ بىر نەچچە كۈندە مەركەزلىك ھويلا - ئاران ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى قىلىۋاتاتتۇق، بىز ھەممىمىز كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە باراڭ ياساۋاتىمىز.» ئۇ 2018 - يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلىگەن، شۇ يىلى ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، «مېنىڭ كۆپرەك تېخنىكا ئۆگىنىپ كىرىمىمنى ئاشۇرغۇم بار».

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېنىدا قاتار ئون دۇكان بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۇششاق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن ھەقسىز تەمىنلەنگەن. سەمىدىگۈل باتۇر ئاچقان كىچىك ئاشخانىدا مۇخبىر قاسقاننىڭ قۇرۇقلۇقىنى، چوڭ قازاننىڭمۇ قۇرۇقلۇقىنى كۆردى. «مانتا بىلەن پولۇنى چۈشتىلا سېتىپ بولدۇم، ھازىر لەڭمەن، راڭپىزا ۋە مىفېن بار.» سەمىدىگۈل: ئاشخانىنىڭ كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 300 يۈەن ئەتراپىدا، دېدى.

ئاشخانىنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىملىقىنى كۆرۈپ ۋۇ ۋېي خاتىرجەم بولدى. ئەمەلىيەتتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش - يۆلەش يولى راۋان بولغانمۇ ئەمەس، ئون ئۇششاق كەسىپ ئىچىدە كىيىم - كېچەك دۇكىنى ۋە تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىلمىدى. ۋۇ ۋېي مۇنداق دېدى: قىلالمىغان ئىشلار ئۈستىدە يەنە چارە - ئامال تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بىز كەنت ئاھالىسىنىڭ كەپتەر بېقىشىغا مەدەت بەردۇق، كۆلەملەشمىگەچكە، ئۈنۈمى بەك ئاز كۆرۈلدى، يەنە داۋاملىق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ۋۇ ۋېينىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى يەنە ئۆرۈك پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش. يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى بىلەن بۇلتۇر ئۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر مېۋىچىلىك كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئىشلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى، كەنت مەيدان قاتارلىق قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىدى، كارخانا كەنتكە ماكانلاشتى، ھەر يىلى يىغىۋېلىنغان 140 توننىدىن ئارتۇق يېڭى ئۆرۈكنى ساتتى، پىششىقلىدى، ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. «سىرتتىكى يەر تۈزلىنىپ بولدى، زاۋۇت ئۆيى، ياتاق سېلىندى، سۇ، توكمۇ ئۇلاندى، يېڭىدىن تىرانسفورموتور ئورنىتىلدى، كارخانا پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن توشۇپ كەلدى.» ۋۇ ۋېي بۇلارنى مۇخبىرغا بىر - بىرلەپ كۆرسەتتى.

گەرچە بۇ كەنت بۇلتۇر پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن چېكىنگەن كەنت بولسىمۇ، ئەمما ۋۇ ۋېي مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بېسىمىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى، «قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيمەن، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىدىيەۋى سەپەرلىك خىزمىتىنىمۇ ئىزچىل ئىشلەش كېرەك».

بۇ كۈنلەردە ۋۇ ۋېينىڭ تېلېفونى ئۈزۈلمىدى، بۇ مېۋىچىلىك كارخانىسى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقىلىشىپ پىكىرلەشكەندىن سىرت، يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ سوراپ، ئىدىيە يۆنىلىشىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ ئايىغىمۇ توختاپ قالمىدى − ئۆيمۇئۆي كىرىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەرىكەتچان ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى