تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

نارات مەنزىرە رايونىنىڭ بوشلۇقتىكى ئوتلىقىدا ئېچىلغان ھەيۋەتلىك شىرىشگۈل مەنزىرىسى

 تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋچيەن فوتوسى، خەۋىرى) 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونىنىڭ بوشلۇقتىكى ئوتلاقتا تارتىلغان چوڭ كۆلەملىك شىرىشگۈلى باھار پەسلىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

  شىرىشگۈلىنىڭ يەنە بەيفەن گۈلى دەيدىغان نامى بار بولۇپ، يەرلىكتىكىلەر شىرىشگۈلى دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى قار تېخى ئېرىمىگەن چاغدىلا ئۇلار تۇپراق ئاستىدا ئويغىنىشقا باشلايدۇ، ئەتىيازدا قارلار ئېرىگەندە، ئۇلار نېپىز مۇز قاتلىمىدىن يۇمران غول ۋە يوپۇرماقلىرىنى چىقىرىپ، سۇس رەڭلىك گۈل بەرگىلىرى ئېچىلىدۇ. ئۇلار يايلاقتىكى ئەڭ بالدۇر ئېچىلىدىغان گۈل بولۇپ، بىر كېچىدىلا تاغ باغرىنى قاپلاپ كېتەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچى: خەلققە قولايلىق بازار ئېچىلدى ئاھالىلەر كۆڭۈلدىكىدەك مال سېتىۋالدى
  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەت باشلاندى!
  • «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى قوزغىتىلدى