تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يېمەك-ئىچمەكتە «بەش قائىدە»نى ئەستە ساقلاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق

  كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، تۆۋەندىكى يېمەك-ئىچمەك ئاساسىي تەلىپىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك:

  1. تەمى بەك كۈچلۈك تاماقتىن يىراق تۇرۇش كېرەك. يېمەكلىكنىڭ تەمى سۇس بولسا، ئازراق پۇراقلىق ماتېرىيال، پىياز، زەنجىۋىل تالقىنى، قاتتىق مېۋە تالقىنى، كۈنجۈت قىيامى، خاسىڭ قىيامى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇ، لېكىن تۇز ۋە باشقا تۇزلۇق تەم تەڭشىگۈچلەرنى بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  2. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، تاتلىق ئىچىملىك ئىچىشنى تاشلاش كېرەك. تاتلىق يىمەكلىكنى ئاندا-ساندا بىرەر قېتىم يېسەك بولىدۇ، لېكىن تاتلىق يىمەك-ئىچمەككە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ھەر كۈنلۈك تاتلىق يېمەكلىكلەر پەقەت بىر خىللا بولسا بولىدۇ، مەسىلەن، بىر ئىستاكان قېتىق، ئازراق ئاق مور ئۇيۇتمىسى، ماروژنى قاتارلىقلار.

  3. كۆپ مىقداردىكى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك. ئەگەر تاماق بەك مايلىق بولسا، ئاندا-ساندا مۇشۇنداق يېسە بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق يېگەندە بەدەندە ئاقسىل يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  4. كۆپ مىقداردىكى بېلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك. تاماقخانىغا كىرگەندە نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، ئىممۇنىتېت كۈچىگە پايدىسىز.

  5. تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش. ھەر بىر ۋاخ تاماققا سەل قارىماسلىك ياكى تاماق يېيىش ۋاقتىنى بەك كېچىكتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ