تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى 2020 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ 2019 - يىللىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەھۋالىدىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتا، سىياسىي - قانۇن ساھەسى ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم نۇقتا ھەم يارقىن نۇقتا خىزمىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى سىياسىي - قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر تونۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تىپىك باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىن چىقىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پائال تۈردە يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي - قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى خىزمەت مەسئۇلىيىتى، ئۆزئارا مۇناسىۋەت، رەھبەرلىك قاتلىمى، رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە نازارەتچىلىك ھالقىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى باشقۇرۇش، كادىرلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى يەكۈنلەش داۋامىدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسىلىلەرنى بايقاش داۋامىدا سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇش داۋامىدا خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ