توقسۇن ناھىيەسىدىكى گۈل-گىياھ پارنىكىدا، ئافرىقا سەبدە گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلدى، دېھقانلار ئېتىزدا قۇرۇپ قالغان گۈللەرنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ فۇجۈن خەۋىرى، فوتوسى): كىشىلەر تەقەززا بولغان 4-ئاي يېتىپ كەلدى، تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە باھار كارتىنىسى جىلۋە قىلىپ، چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى يىراق-يىراقلارغا تارىدى. ئېتىز-ئېرىق، يېزا-قىشلاقلاردا دېھقانلار جۈسەيدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، ئافرىقا سەبدەگۈلى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان كۈركۈم گۈللىرى ئەتراپنىڭ مەنزىرىسىگە گۈزەللىك قوشۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت مەنزىرىسى شەكىللەندۈردى. قويۇق باھار ھىدىغا تولغان 4-ئايدا، مەيىن شامال يۈزلەرنى يېنىك سىيپاپ، كىشىگە تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بېغىشلىدى.
توقسۇن ناھىيەسىدە 1-قېتىملىق جۈسەيلەر بازارغا سېلىندى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن كەنت كادىرلىرى جۈسەي يىغىۋېلىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.
توقسۇن ناھىيەسىدىكى يېزىلاردا ئۆرۈكلەر چېچەكلىدى.
توقسۇن ناھىيەسىدىكى يېزىلاردا دېھقانلار قوغۇن پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى.
توقسۇن ناھىيەسىدىكى گۈل-گىياھ پارنىكىدا، گۈل تاماشا قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر گۈللەر ئارىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
ھۈپپىدە ئېچىلغان ئافرىقا سەبدەگۈلى.