4-ئاينىڭ 1-كۈنى، لەنجوۋ غەربىي ۋوگزالىدا، يولۇچىلار لەنجوۋ غەربىي ۋوگزالىدىن گۇاڭجوۋ جەنۇبىي ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىققان G846 قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوق پويىزغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، جۇڭگو تۆمۈريولى لەنجوۋ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى لەنجوۋدىن گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، ۋۇخەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، جۇڭگو تۆمۈريولى لەنجوۋ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچىلار پويىزىدىن 81 جۈپنى نورمال يولغا قويدى، يەنە يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ سانىنى تەڭشەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يولۇچى توشۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن بىن فوتوسى
4-ئاينىڭ 1-كۈنى، يولۇچىلار لەنجوۋ غەربىي ۋوگزالىدا پويىزغا چىقىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
4-ئاينىڭ 1-كۈنى، لەنجوۋ يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسىنىڭ پويىز خادىمى لياڭ بوچى G846 قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوق پويىزنىڭ يۈك-تاق جازىسىنى تەكشۈرمەكتە.
4-ئاينىڭ 1-كۈنى، لەنجوۋ غەربىي ۋوگزالىدا، يولۇچىلار لەنجوۋ غەربىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان D2711 قېتىملىق ئوق پويىزغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.