تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى 120 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش... 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق <قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» دېيىلىدۇ) يېقىندا رەسمىي بېسىپ تارقىتىلغان.

«خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى داۋاملىق قىسقارتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كارخانا تەسىس قىلىشنى تىزىملاش، تامغا ئويۇش، تالون ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتى ئېچىش قاتارلىق خىزمەت تەرتىپلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانا قۇرۇشتا «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش»نى يولغا قويۇپ، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىدۇ، شارائىتى بار جايلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتسا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازار ئىجازىتى شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلىدۇ. «بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش خىزمىتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللار ئېنىقلىنىپ بىكار قىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىشكە دائىر سىياسەت، تەدبىرلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە، جەمئىيەت ئىشلىرى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىجازىتى قويۇۋېتىلىدۇ. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تېلېگراف، تۆمۈريول، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە ساھەلەردىكى رىقابەتلىك كەسىپلەر قويۇۋېتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلاھات دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىش، خەۋەرلەندۈرۈش - ۋەدە بېرىشنى يولغا قويۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىدۇ. «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ. «بىر كىنىشكا كۆپ ئادرېس» بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بىر ناھىيە دەرىجىلىك رايون ئىچىدىكى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدا «بىر كىنىشكا كۆپ ئادرېس» بويىچە تىزىملاشنى يولغا قويۇپ، باشقا كارخانىلارنىڭ «بىر كىنىشكا كۆپ ئادرېس» بويىچە تىزىملاش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى رەتلەپ ۋە ھەل قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى 120 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىدۇ. «كۆپ خىل باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش»، «كۆپ خىل بەلگىلىمىنى بىرلەشتۈرۈش»، «كۆپ خىل ئۆلچەشنى بىرلەشتۈرۈش»، «كۆپ خەرىتىنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈش»، «يانداش ئۇلاپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئالغا سىلجىتىپ، «رايون خاراكتېرلىك باھالاش»نى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىنىڭ يېرىمىغا قىسقارتىدۇ.

كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى ئازايتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ھەققى ۋە كەسىپ جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ھەق ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، تۆۋەنلىتىدۇ، قېلىپلاشتۇرىدۇ، كەسىپ جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ كارخانىلارنى ئۇيۇشمىغا كىرىشكە مەجبۇرلىشىغا ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشىغا بولمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا ئاپتونوم رايونىمىز تۈزەش سالمىقىنى زورايتىدۇ.

مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئادىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازار مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز بىرلىككە كەلگەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»نى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق ساھەنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش»نى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە قارىتا كەڭ قورساق، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كارخانىلارنىڭ نامىنى تىزىملاش چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىشى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يولغا قويىدۇ. يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىشكە پايدىلىق ئادىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

«خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»دا يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سۇپىسى سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا قۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سۇپىسىغا بىرتۇتاش كىرگۈزۈلۈپ بېجىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت يەنە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەتتىكى ساھەلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئاممىۋى ئىشلار مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ