تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىنى موللاشتۇرۇش، ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2020-يىللىق شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىش خىزمىتىنى باشلاش قارار قىلىندى.
بازارغا سېلىنىش ۋاقتى يەتتە باسقۇچقا بۆلىنىدۇ. 1-باسقۇچ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، 10 كۈن بازارغا سېلىنىدۇ؛ 2-باسقۇچ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، جەمئىي 30 كۈن؛ 3-باسقۇچ 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، جەمئىي 10 كۈن؛ 4-باسقۇچ 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، جەمئىي 10 كۈن؛ 5-باسقۇچ 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، جەمئىي 20 كۈن؛ 6-باسقۇچ 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، جەمئىي 10 كۈن؛ 7-باسقۇچ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، جەمئىي 22 كۈن.
بازارغا سېلىش تۈرى ۋە باھاسى: توڭلىتىلغان كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامى 48 يۈەن؛ توڭلىتىلغان قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامى 43 يۈەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋاملىق پۈتۈن شەھەردىكى 470 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ۋە سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان دوستلۇق(友好)، ياخشى يۇرت(好家乡)، خۇارۈن ۋەنجيا(华润万家)، كەررېفور(家乐福) ، ئەيجيا(爱家)، چىيىجياڭيۈەن(七一酱园)دىن ئىبارەت چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تاللا بازارلىرىغا زاپاس كۆكتات سالىدۇ، باھاسى: دابەيسەنىڭ ھەر كىلوگرامى بىر يۈەن، ياڭيۇنىڭ ھەر كىلوگرامى 1.7 يۈەن، پىيازنىڭ ھەر كىلوگرامى بىر يۈەن، سەۋزىنىڭ ھەر كىلوگرامى 1.2 يۈەن، كۆك لوبونىڭ ھەر كىلوگرامى 1.2 يۈەن، كاۋىنىڭ ھەر كىلوگرامى 1.7 يۈەن، چامغۇرنىڭ ھەر كىلوگرامى 1.8 يۈەن، دۇڭگۇانىڭ ھەر كىلوگرامى 0.9 يۈەندىن سېتىلىدۇ. بازارغا سېلىنىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.