تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۈگۈر ناھىيەسى: كەنت ئاھالىسى كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن تۆگە بېقىپ، بېيىش يولىغا ماڭدى

  جۈمە ئابلەت خۇشال ھالدا ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئۆزىنىڭ تۆگە بېقىپ بېيىش جەريانىنى تونۇشتۇرماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز زۇ يەنجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چى فېڭ خەۋىرى، فوتوسى): كېسەل داۋالىتىش بىلەن ئىگىلىك تىكلەش بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز، لېكىن شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى جۈمە ئابلەتتە بىر ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن تۆگە باقتى، يەنە تۆگە بېقىپ يىلىغا 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بېيىش يولىغا ماڭدى.

  3-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۈمەنىڭ ئۆيىگە نۇرغۇن كىشى كەلدى، ئۇلار تۇغۇلغىنىغا ئون كۈن بولغان بوتىلاقنى كۆرگەچ، ئۇنىڭ تۆگە بېقىش تەجرىبىسىنى بىلگىلى، يەنە بەزىلىرى تۆگە سۈتى ئىچىپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرغىلى كەلگەنلەر، جۈمەنىڭ كىشىنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغىلى كەلگەنلەر ئىدى.

  2002-يىلى، جۇمە دېيابىت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلىش ئەمەس، يول مېڭىشمۇ تەسكە توختىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

     جۈمە تەرەپ-تەرەپتە دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كېسىلىگە دورا ئىزدەۋاتقان چاغلىرىدا، بىر موڭغۇل دوستى ئۇنىڭغا تۆگە سۈتى ئىچسە ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن، جۈمە ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىدىن 22 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يەنچى ناھىيەسىدىن ئىككى تۆگە سېتىۋالدى.

  ئۇزاق ئۆتمەي بىر تۆگە بوتىلىدى، جۈمە بىر تەرەپتىن تۆگە سۈتى ئىچكەچ، بىر تەرەپتىن مۇنتىزىم داۋالاندى. يېرىم يىلدىن كېيىن مۆجىزە كۆرۈلدى، جۈمە ماڭالايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە ئېتىزغا بېرىپ يېنىك ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغان بولدى، بەش يىلدىن كېيىن، جۈمەنىڭ ئۆپكە كېسىلى ساقىيىپ، قان شېكىرىمۇ مۇقىملاشتى.

  يول مېڭىش قىيىن بولۇشتىن ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلىشقىچە، جۈمەنىڭ كەچۈرمىشلىرى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ، بەزىلەر تۆگە سۈتى ۋە تۆگە سېتىۋالغىلى، يەنە بەزىلەر تەجرىبە ئاڭلىغىلى كېلىدىغان بولدى... جۈمە تۆگىلەرنى بېقىپ كۆپەيتتى، ئەڭ تۆگىسى كۆپ بولغاندا 48 تۇياققا يەتتى.

  «تۆگە سۈتىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 60 يۈەن، ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن كىچىك ئىستاكانلىق يېڭى تۆگە سۈتى تەييارلىدى... بازىرىمىز ناھىيە بازىرىغا قوشنا، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 7:00 ئەتراپىدا، يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى، ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تۆگە سۈتى سېتىۋالىدۇ» دېدى بۈگۈر بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئەخەت موسا تونۇشتۇرۇپ.

  ھازىر، جۈمە ساياھەتچىلىكتىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆگىگە تايىنىپ قىلىدىغان تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ھەر يىلى ئالتۇن كۈزدە، جۈمە تۆگىلەرنى ئېلىپ توغراقلىق مەنزىرە رايونىغا بېرىپ، ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىش، تۆگىگە مىندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىلا تاپقان پۇلى 2018-يىلى 15 مىڭ يۈەن، 2019-يىلى 20 مىڭ يۈەن بولدى. بۇ يىل، جۈمە بەش تۆگىنى مەنزىرە رايونىغا ئاپىرىپ، مۇلازىمەت تۈرىنى كۆپەيتمەكچى بولدى.

  ئەخەت مۇنداق دېدى: جۈمە تۆگە بېقىشقا تايىنىپ بىر يىلدا 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، بىز جۈمەنى تۆگە باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز، تۆگە سۈتى، تۆگە يۇڭى، تۆگە قۇملۇق ساياھىتى يۈرۈشلۈك كەسىپلىرىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەۋاتىمىز.

  جۈمەنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن تۆگە بېقىپ، بېيىش يولىغا ماڭغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە بۇ بازارنىڭ ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ