شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار فېڭ لېي، جېڭ يىنۋېي خەۋىرى): ئاپتورنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاقسۇ ۋىلايىتى 23 مىڭ 500 تۇياق ھەر خىل چارۋىنى سىرتقا يۆتكەپ، چارۋىنىڭ بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغان، بۇ چارۋىلار ئاساسلىقى خەينەن، خۇنەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلارغا سېتىلغا بولۇپ، 112 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان.
ئاقسۇ شىڭجياڭ مۇگې يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياڭ يىچۈەن مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى شىركەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن باشقا جايلاردىكى چارۋىچىلىق تارماقلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شىركەتكە نۇرغۇن زاكاز ئېلىپ كەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، چارۋىلارنى تەكشۈرۈش ۋە توشۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چارۋىلارنى سىرتقا سېتىشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر شىركەت شۇاڭخۇي گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، سرتقا سېتىش بازىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.