تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

كوئېنلۇندىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جېڭى

 ___ شىنجاڭ دىققەتنى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قانات يايدۇردى   

   پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقى ھالقىما تەرەققىياتنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى بۇ يەرنى بېكىنمە بولغان «يانچۇق تېگى»دىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تۇتىشىدىغان «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى»غا ئايلاندۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشى نەچچە مىليون ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىنىڭ 1000 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن نامرات تۇرمۇشتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

   2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 16 ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، 614 مىڭ 100 ئائىلىدىكى 2 مىليون 511 مىڭ 600 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. قېپقالغىنى ھۇجۇم قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان ئىستىھكام بولۇپ، شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، قېپقالغان نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون ناھىيە، 42 مىڭ 100 ئائىلىدىكى 165 مىڭ 800 ئادەمنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى