تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كوئېنلۇندىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ

− شىنجاڭ دىققەتنى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قانات يايدۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خې جۈن، ما كەي، ساۋ جىخېڭ

ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن تېغى 1000 چاقىرىمغا سوزۇلغان، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان تاغ جىلغىلار ئايرىپ تۇرغانلىقتىن جەنۇبىي شىنجاڭ بىر مەزگىل جۇڭگو تېررىتورىيەسىدىكى «يانچۇق تېگى» بولۇپ قالغان. تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان بۇ جايدا بايلىق كەمچىل، مۇھىت ناچار بولۇپ، نامراتلىق يىلتىزى ئۈنۈمسىز تۇپراققا بارغانسېرى چوڭقۇر پاتقانىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقى ھالقىما تەرەققىياتنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى بۇ يەرنى بېكىنمە بولغان «يانچۇق تېگى»دىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تۇتىشىدىغان «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى»غا ئايلاندۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشى نەچچە مىليون ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىنىڭ 1000 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن نامرات تۇرمۇشتىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 16 ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، 614 مىڭ 100 ئائىلىدىكى 2 مىليون 511 مىڭ 600 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. قېپقالغىنى ھۇجۇم قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان ئىستىھكام بولۇپ، شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، قېپقالغان نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون ناھىيە، 42 مىڭ 100 ئائىلىدىكى 165 مىڭ 800 ئادەمنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

باھار شامىلى چىقتى جەڭ دۇمبىقى چېلىندى

باھار شامىلى يېشىللىق ئېلىپ كەلدى، جەڭ دۇمبىقى چېلىندى. كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، ئېغىر نامراتلىققا قارشى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭنى قىلماقتا.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى باش گۇرا كەنتىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى جۇڭ شىن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى. ناھىيە بازىرىدىكى ئۆيى بۇ جايدىن بەش كىلومېتىرلا يىراق بولسىمۇ، بىراق 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن ھازىرغىچە، ئۇ بىر كۈنمۇ قايتىپ باقمىدى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ سەل پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلىنىپ كەتتى، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، نامرات ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى دېگەندەك بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۆيگە بارىدىغانغا نەدىمۇ ۋاقىت بولسۇن؟» ئۇ مۇخبىرلارغا جياڭشىدا داشۆدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە ئىككى ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، پەقەت كەنتتە ئىككى قېتىملا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش گۇرا كەنتىدە جەمئىي 1626 ئادەم بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭ شىن مۇنداق دېدى: كۆپ تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان بىرلا ئائىلە قالغان بولسىمۇ، ئەمما نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى بولغان يەنە 39 ئائىلە بار، يەنىلا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.

مۇخبىرلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون ناھىيەدە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، كۆپ ساندىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئىش ئورنىغا قايتقانلىقىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى.

«نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى» ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز، سانائەت ئاساسى ئاجىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 50 مىڭ ئىش ئورنى «چىقىرىپ»، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلەتتى.

پويىز ئاستا - ئاستا توختىدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن ئەنۋەر ھۈسىيىن ئاخىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، ئۇ جۇڭگو تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت شىركىتى ئۈرۈمچى بېكىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولىدۇ، بىللە كەلگەن خوتۇنىمۇ بۇ يەردىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ.

ماھارىتى بارلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، ئۇزاق مۇددەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان، ماھارىتى كەمچىل ئاجىز ئەمگەك كۈچلىرى ئۆز جايىنىڭ خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. گۇما ناھىيەسى نامرات ئائىلىلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن ئېشەكلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ كارخانىلارنىڭ بىرتۇتاش بېقىشىغا تاپشۇردى، نامرات ئائىلىلەر بىر پۇڭمۇ چىقارماي ھەر يىلى 5000 - 6000 يۈەن كىرىم قىلدى. گۇما كوئېنلۇن لۈيۈەن ئېشەك باقمىچىلىق رايونىدىكى خىزمەتچى خادىم مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: يەم - خەشەك تەننەرخىنى كارخانا ئۈستىگە ئالىدۇ، نامرات ئائىلىلەر ھەر يىلى ئېشەك سۈتىدىن ئايرىغان 3000 يۈەن ئەتراپىدىكى پايدىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، تۇغۇلغان تەخەينى ئېلىپ كېتىپ ئۆزى باقسىمۇ بولىدۇ، ھەربىرىنى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە باھادا كارخانىغا سېتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، شۇ يىلى تەخەيلىمىگەن تەقدىردىمۇ، كارخانا نامرات ئائىلىلەرگە 1000 يۈەنلىك تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش پايدىسىنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. «كارخانا ئاساسلىقى سويۇش ۋە پىششىقلاشتىن پۇل تاپىدۇ، باقمىچىلىقتا دەسمايىنى ساقلاپ قالسىلا بولىدۇ، نامرات ئائىلىلەرگە ئەڭ زور دەرىجىدە پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ».

كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇمكىن بولمىغان 31 مىڭ 500 ياشانغان، ئاجىز، ئاغرىق، مېيىپ، يېتىم - يېسىر قاتارلىق ئالاھىدە نامرات ئاممىغا قارىتا، شىنجاڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار خادىملارنى قۇتقۇزۇش، بېقىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك 20 رەھبىرىي كادىرنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە ئورۇنلىشىپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش

مۇخبىرلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا شۇنى بايقىدىكى، ھەرقايسى ناھىيەلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، يەنە كۈچ تەشكىللەپ نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن يۇقىرى سۈپەتلىك، مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى نامرات ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنى ھەرىكەتچان ھالىتىدە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دىققەتنى 5000 يۈەندىن تۆۋەن كىرىمدىكى نوپۇسقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل تۆت دەرىجىلىك خەۋپ - خەتەردىن سىگنال بېرىشنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمىگە قارىتا كۆزىتىش، ئۆلچەش ئېلىپ باردى: كىشى بېشى كىرىمى 4000 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلارغا قىزىل سىگنال بېرىلدى؛ 4000 يۈەندىن 4500 يۈەنگىچە بولغانلارغا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنال بېرىلدى؛ 4500 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولغانلارغا سېرىق رەڭلىك سىگنال بېرىلدى؛ 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرى يېشىل رەڭلىك بولۇپ، نىسبەتەن بىخەتەر. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش خەۋپ - خەتىرى بايقالغاندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىن ھەل قىلىپ، ئاجىز ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئەمگەك كۈچى يوق ئائىلىلەرگە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، سىياسەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ياردەم بەردى، يۆلىدى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى قىزىل بايراق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 248 نامرات ئائىلە ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغانلىرى ساناقلىقلا قالدى. كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى نەبىجان ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرى ئۆزگەرمەيدۇ، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرلىرى چېكىندۈرۈلمەيدۇ، ئالماشتۇرۇلمايدۇ، نامرات كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئالماشتۇرۇلمايدۇ، ياردەم بېرىدىغان - يۆلەيدىغان ئورۇنلار ۋە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىدىغان - يۆلەيدىغان كادىرلارنىڭ مۇقىم بولۇشى ساقلىنىدۇ.

2017 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ھەر يىلى 2 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تەسىس قىلدى، نۆۋەتتە جەمئىي 8 مىليارد يۈەنگە يەتتى، مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ - خەتەرگە قارىتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەپلىمە لايىھەسى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈزۈلدى، ھۆكۈمەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى سېتىۋېلىش، باشقا كارخانىلارغا ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 127 مىڭ 200 ئىش ئورنى تەمىنلىنىپ، تەييارلىنىپ، خەۋپ - خەتەر كۆرۈلگەن ھامان نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى، كىرىمىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە، يېڭى نامرات ئاھالىلەرنىڭ كۆپەيمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئۈستۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن ئۈمىد بار، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە كۆمۈلۈپ قالغان مىڭ يىللىق نامراتلىق يىلتىزى پات ئارىدا پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى