تىيانشان تورى خەۋىرى: ھەر يىلى ئەتىيازدا، باھار شامىلى قويلارنىڭ قوزىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنە بىر يىللىق تۆل ئېلىش پەسلى يېتىپ كەلدى ___ 3-ئايدا چارۋىچىلىق مەيدانلىرى تىنچ ھەم خاتىرجەم ئىدى، چارۋىچىلار قوتانلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە دېزىنفېكسىيە قىلدى. تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان قوزىچاقلار ھويلىدا سەكرەپ-تاقلاپ يۈرەتتى. بۇ شوخ قوزىچاقلار چارۋىچىلارغا يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭ تۇتۇشتەك بۇ ھالقىلىق مەزگىلدە، مورى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى پائال تەشكىللەپ، چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش، ئەي قىلىش قاتارلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يېتەرلىك يەم-خەشەك تەييارلاش، بىخەتەر قوتان ھازىرلاش، قاتتىق دېزىنفېكسىيەلەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چارۋىچىلارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئىشەنچىنى ئاشۇردى.
ھازىرغا قەدەر، مورىدا قىشتىن ئۆتكەن ساغلىقتىن 361 مىڭدىن كۆپرەك بار بولۇپ، بۇ يىل يېڭىدىن 361 مىڭدىن ئارتۇق تۆل ئېلىنىپ، مەھسۇلات قىممىتى 361 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئالغان تۆلنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىر يىللىق ئۈمىد ۋە بايلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، چارۋىچىلار بەس-بەستە: بۇ يىل ھەميىنىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، دېيىشتى.