تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ياڭ شو، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ تىڭشۆ خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر دەل كۆچەت تىكىپ يېشىللىق بەرپا قىلىش مەزگىلى. شىنجاڭ ئاقسۇ كوڭتەيلىك رايونىدىكى مىليون مو چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى 2020-يىللىق ئەتىيازدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايەت، شەھەردىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئامما گۈرجەك، جوتۇ كۆتۈرۈپ چۆللۈككە كىرىپ، كۆكيار روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇدا كوڭتەيلىك مىليون مولۇق چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 3- يىلى بولۇپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتۇرۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
بۇ يىل ئاقسۇ كوڭتەيلىك رايونىدا 335 مىڭ 900 مو ئورمان بىنا قىلىش پىلانلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەتىيازدا 278 مىڭ 700 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش تاماملىنىدۇ (25 مىڭ مو يەردە سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىنىدۇ، 253 مىڭ 700 مو يەردە دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈلىدۇ)؛ كۈزدە 57 مىڭ 200 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش تاماملىنىدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىنىدۇ.