خەلق تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن يېشىل تەرەققىيات ئىىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سۇلۇق يەرنىڭ كۆلىمىنى بارا-بارا كېڭەيتتى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىدا زور ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئەتىيازدا پەسىل قۇشلىرى ئەڭ بالدۇر بولغاندا 3-ئاينىڭ باشلىرىدىن 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئەڭ كېيىن بولغاندا 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۆچىدىغان بولۇپ، بۇرچىن ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نۇرغۇنلىغان ياۋا قۇشلارنى بۇ جايدا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.
بۇرچىن ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئەلالاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق، بىللە ياشاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىقچىلىقتىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋا بېقىشنى توختىتىش ۋە مەنئى قىلىش، جىلغا ئورمىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىش قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت ۋە ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ناھىيە ئىچىدىكى سۇلۇق يەرنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، قۇشلارنىڭ كۆچۈشى، كۆپىيىشى، ماكانلىشىشى ئۈچۈن ياخشى تەبىئىي مۇھىت يارىتىپ، چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھىرىگە چەكسىز ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىدەك گۈزەل مەنزىرىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى.