3-ئاينىڭ 30-كۈنى، گۇاڭجوۋ خەيجۇ سۇلۇق يېرىدە خىزمەتچىلەر ئەمگەك قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ مەركىزى ئوق لىنىيەسىدىكى خەيجۇ سۇلۇق يېرىدە 10 مو شال ئېتىزى بار بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، شەھەر ئاھالىلىرى مايسا كۆچۈرۈشنى ھېس قىلىشقا ئامالسىز قالدى، بۇ خىزمەتنى سۇلۇق يەر خىزمەتچىلىرى تاماملىدى. شال ئېتىزى ئېكولوگىيە سىستېمىسى خەيجۇ سۇلۇق يېرىدىكى تۈرلۈك ھايۋانلارغا ماكان ھازىرلاپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ياراتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ داۋېي فوتوسى