3-ئاينىڭ 30-كۈنى، پىيادىلەر ياپونىيە دۇڭجىڭ بېكىتى ئالدىدىكى دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەتۈر ساناق ھېسابلايدىغان ئېلېكتىرونلۇق سائەت ئالدىدىن ئۆتمەكتە، ئېلېكتىرونلۇق سائەت يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىغا ئاساسەن تەڭشەلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بىرلىكتە، كېچىكتۈرۈلگەن دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، دۇڭجىڭ مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. (دۇ شياۋيى فوتوسى)