تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى، جاڭ ۋەندې فوتوسى) بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئالتاي شەھىرى بورانلىق ھاۋارايىدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى؛ شەرقىي شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ؛ ئاقسۇ شەھىرىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، باشقار رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃12، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2- بولىدۇ.
بۈگۈن سەككىز بال ئەتراپىدىكى قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال ئېغىزى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي قار-شىۋىرغانلىق رايونى بار.