تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

باھاردا قايتا جانلىنىش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− 2020 - يىلى تۇنجى پەسىللىك جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تاماملىنىش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈزبېرىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى، جەمئىيىتى يەنە خىرىسنى كۈتۈۋالدى. بىر قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم كەسىپلەر زەربىگە ئۇچرىدى. يۇقۇم تەسىرىگە قارىتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر تۈزۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلىتىلدى.

3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، باھار ئاپتىپى خۇددى كېلىشىپ قويغاندەكلا ۋاقتىدا چىقتى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىش كۈچى مۇجەسسەملەنمەكتە. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خۇبېيدىن باشقا جايلاردا كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش باشلاش نىسبىتى %95تىن ئاشقان، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %70تىن ئاشقان. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تاشقى سودا كارخانىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %70تىن ئاشقان نۇقتىلىق تاشقى سودا كارخانىلىرى ئىگىلىگەن نىسبەت يەتتە ئۈلۈشكە يەتكەن.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى گەرچە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادى غايەت زور چىدامچانلىققا ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ.» يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك چىدامچانلىقنى نامايان قىلدى.

قەھرىتان قىش ئۆتۈپ كەتتى، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم چوڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھەرساھە، ھەر كەسىپنىڭ قايتا جانلىنىش كۈچى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشتىكى مەزمۇت قەدىمىگە ئايلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىدى ھەم داۋاملىق تۈردە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو كۈچىنى قوشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ