شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جى رۇڭدو، چىن دېما
بىر يەشىك پىۋا 30 يۈەن، بىر خالتا تۇز 2.5 يۈەن، بىر بولاق تەييار چۆپ 2.5 يۈەن... 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى چاغانمودۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى با جىرېنگا ئۆزىنىڭ كىچىك دۇكىنىدا قوشماقلاشقان تۇغقىنى، جىڭ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى دياۋ جياڭليەن بىلەن بىللە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بۈگۈن ئادەم بىرقەدەر كۆپ، ھېلىمۇ ياخشى سىڭلىم ياردەم قىلدى» دېدى با جىرېنگا كۈلۈپ تۇرۇپ.
2016 - يىلى 10 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 11 - ئاينىڭ بېشىدا، دياۋ جياڭليەن با جىرېنگانىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئىككىيلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.
دياۋ جياڭليەن تۇنجى قېتىم با جىرېنگانىڭ ئۆيىگە بارغاندىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆيىدە ھېچقانداق ئېلېكتىر سايمىنى يوق ئىدى».
ئەسلىدە، 2014 - يىلى با جىرېنگانىڭ ئېرى يى ئېردەي تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالغان، ئۇلار كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن يىغقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن باشقا يەنە، ئائىلىسىنىڭ 13 مو يېرىنى ھۆددىگە بېرىۋەتكەن، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىكەن.
ئىلگىرى، با جىرېنگا ھەر كۈنى قازان بېشىنى چۆگىلەپ ۋە بالىلىرى بىلەن ھەپىلىشىپلا ئۆتىدىغان ئائىلە ئايالى ئىدى. 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جىڭ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ تولى بازىرى چاغانمودۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پائال مەبلەغ توپلاپ با جىرېنگانىڭ ئۆيى ئالدىدا كىچىك دۇكان ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى ھەم ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان، ھەم بىر كىشىلىك كىرىم قىلالايدىغان قىلدى. لېكىن كىچىك دۇكاننىڭ ئايلىق كىرىمى كۆپ بولمىغاچقا، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا قىيىنچىلىقتا ئۆتتى.
تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، دياۋ جياڭليەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە با جىرېنگا ئائىلىسىگە ياردەم قىلدى. با جىرېنگانىڭ نان يېقىش ھۈنىرى بارلىقىنى بىلگەن دياۋ جياڭليەن ئۇنى ئۆيىدە نان يېقىپ، دۇكىنىدا سېتىشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دياۋ جياڭليەن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، با جىرېنگانىڭ قولدا تەييارلاپ ياققان نانلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، سېتىش يولىنى كېڭەيتتى. دياۋ جياڭليەن يەنە با جىرېنگانىڭ كىچىك دۇكاننى 20 كىۋادرات مېتىردىن 40 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى.
بۈگۈنكى كۈندە، با جىرېنگا ئائىلىسىدە نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن 47سى، نامراتلارنى يۆلەش كالىسىدىن ئىككىسى بار، بۇنىڭغا تېرىلغۇ يېرىنى ھۆددىگە بېرىش، دۇكان ئېچىش ۋە نان يېقىشتىن قىلغان كىرىمىنى قوشقاندا، بۇلتۇرقى كىرىمى 70 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپلا قالماي يەنە يېڭى ئۆي سېلىپ، نۇرغۇن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالدى، بەخت كۈلكىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەندى.
«بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق، يەنە بىر سىرداش تۇغقىنىمىز بار، ئۇ بىزگە چارە - تەدبىر كۆرسىتىدۇ، بىزگە بىلىم ئۆگىتىدۇ، سىياسەت چۈشەندۈرىدۇ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، سىڭلىم دياۋ جياڭليەنگە ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر، مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى، چوقۇم داۋاملىق تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىمىز» دېدى با جىرېنگا مىننەتدارلىق بىلەن.