تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى): بۈگۈن(3-ئاينىڭ 30-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، شەرقىي شىنجاڭدىكى تۇرپان شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە تۇتۇق بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. كەلگۈسى ئىككى كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىيپاش شىمالىي، قىيپاش شەرقىي رايونلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىدا شامال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق، بەزىدە ئوچۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2- بولىدۇ، 3~4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.
بۈگۈن 8~9 بال قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخىيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكى بار.