تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«كۆكتاتلىق» ھەمياننى تومپايتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ جيې

بۇ يىل ئەتىيازدا، كونا شەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىسى ئۇرۇنباستى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئەتىگەندىلا ھويلىسىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كەنت ئاھالىسى ئاياس مامۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېرىمايدىغان بولدى. «كۆكتات تېرىغاندا ئائىلىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، بازار ئۈنۈمىمۇ بۇغداينىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن.» 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاياس مۇخبىرغا ھازىر پارنىكقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان كۆكتات تېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قۇرۇلما تەڭشىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيدى

ئۇرۇنباستى كەنتىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 7000 مودىن ئارتۇق بولۇپ، تىپىك دېھقانچىلىق كەنتى ئىدى. كۆپ يىلدىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىقى بۇغداي ۋە ئېڭىز ئورنىغا كۆممىقوناق تېرىپ كەلگەنىدى، گەرچە ھەربىر تېرىقچىلىق مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلانغان بولسىمۇ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەككە بولغانلىقتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى ئىنتايىن چەكلىك ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ ئۇرۇنباستى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق، دېھقانچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاشنى قارار قىلدى.

«كەنتنىڭ سۇ، تۇپراق، كۈن نۇرى بايلىقى كۆكتات تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتىكى بازارلارنىڭ كۆكتاتقا بولغان ئېھتىياجى زور ئىدى». ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئۇرۇنباستى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋەن جياڭيۇڭ مۇنداق دېدى: 2016 - يىلى، ئۇرۇنباستى كەنتى نامراتلار قاتارىدىن چېكىنىپ چىققاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارنى بېيىتىش كەسىپ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتۇق.

ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى كۆكتات تېرىشنى پۈتۈن كەنتنىڭ كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم كەسىپ قىلدى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

«بىز دېھقانلار كەچلىك كۇرسى بىلەن ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئامما ئاڭلاپ ھېس قىلالايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق يۈزتۇرا سۆزلەپ، قولمۇقول ئۆگىتىپ، كۆكتات مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىش، كۈندىلىك پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئەمەلىي تېخنىكىلارنى دېھقانلار ئاممىسىغا يەتكۈزدۇق، دېھقانلار ئاممىسىغا كۆكتات ئۆستۈرۈش - پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئىگىلىتىپ، تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈردۇق» دېدى ۋەن جياڭيۇڭ.

ھازىر، ئۇرۇنباستى كەنتىدىكىلەرنىڭ قۇرۇقلۇقتا كۆكتات تېرىش كۆلىمى 1300 مودىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە لازىنىڭ مو بېشى كىرىمى 8000 يۈەندىن، شوخلىنىڭ مو بېشى كىرىمى 6000 يۈەندىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى يېڭىلاندى

كەسىپ تەرەققىيات يولىنى توغرا تېپىپ چىققاندىن كېيىن، يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى بولۇشى كېرەك.

«ھازىر مەن سولياۋ يوپۇق ياتقۇزۇش، مايسا كۆچۈرۈش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇ يىل يەنە بىر پارنىكنى ھۆددىگە ئالدىم، ھەربىر پارنىكتىن 3000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» ئاياس خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى كەنتتە تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىدىيە پۈتۈن كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.

كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال رىغبەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىگە پائال ئىلتىماس قىلىپ، كەنتتىكى تۇنجى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى ھەم تىجارەت تەجرىبىسى بار دېھقانلار بىلەن ھۆددىگەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاپ، پۈتۈن كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتتى.

«ئىلگىرى سولياۋ يوپۇق ياتقۇزۇشقا كۆپ كۈچ كېتەتتى، ھازىر كەنتتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار، ھەر خىل ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى تەل، ماشىنا بىلەن سولياۋ يوپۇق ياپقاندا ئادەم كۈچى تېجەپ قېلىنىدىكەن، ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن» دېدى كەنت ئاھالىسى ئابدۇۋەلى قادىر.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، ئۇرۇنباستى كەنتى يەنە بۇغداي ۋە كۆممىقوناقنىڭ يېڭى سورتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش ئارقىلىق بۇغداي، كۆممىقوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 150 كىلوگىرام ۋە 300 كىلوگىرام ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.

بازار كېڭەيتىلىپ، كېيىنكى بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇرۇنباستى كەنتىدىكى بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى كۆكتات كەسپىگە ئاتلاندى. ئۇلار ئېتىزلىققا كۆكتات تېرىپلا قالماي، ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى بوش قالغان ھويلا - ئارانلىرىنىمۇ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇردى.

«بىز كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردۇق.» ۋەن جياڭيۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتۈن كەنتتىكى 397 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ھويلىسىدىن پايدىلىنىپ كۆكتات تېرىدى، 388 ئەگمە پارنىك ياسىدى.

كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى زېھنىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرغاندىن باشقا، يەنە سېتىش يوللىرىنى پائال ئېچىپ، كۆكتات كەسپىنى ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

دېھقانلار بىلەن بازارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى قەشقەر شەھىرىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىپ، ئۆز كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەيدان ئىجارە ھەققى قاتارلىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىشىغا قولايلىق ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنتتە كۆكتاتنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش نۇقتىسى قۇرۇپ، خىزمەت ئەترىتى بازار بىلەن ئالاقىلىشىش، بېيىش باشلامچىلىرى ۋە دېھقان ۋاسىتىچىلەر سېتىۋېلىش - سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىز بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، كۆكتات تېرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تۈگۈنلىرى، ھەرقايسى مۇھىم نۇقتىلىرىدا تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆكتات كەسپىنى پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ۋەن جياڭيۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ