تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقىنىم كەلدى، قەلبىم تېخىمۇ ئىللىپ كەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«يۈسۈپ، ئۆيىڭىزنى پاكىز يىغىشتۇرۇۋاپسىز، مەشكە ئوتنى تازا قالاپسىز، يول بويى پويىزدا ئولتۇرغاندىكى ھاردۇقۇم بىراقلا چىقىپ كەتتى» 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى بەخت يولى پېشقەدەم كادىرلار ساناتورىيەسىنىڭ خىزمەتچىسى گو خۇيجيې ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى تېتىر كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى يۈسۈپ ئەركىننىڭ ئۆيىگە كېلىپلا، شۇ ھامان ئىللىق مېھىر - مۇھەببەتنى ھېس قىلدى.

«تۇغقىنىم كەلدى، قەلبىم تېخىمۇ ئىللىپ كەتتى» دېدى يۈسۈپ خۇشال ھالدا. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، قىزىق چاي ئىچىشىپ، مەززىلىك تائاملارنى يېيىشىپ، سىردىشىپ پاراڭلاشتى.

«ئاكا، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس ئىدى، ھېلىمۇ ياخشى سىز ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭىز، ھازىر سالامەتلىكىم ئەسلىگە كەلدى. مەنمۇ غەيرەتكە كەلدىم، بۇ يىل كۆممىقوناقنى ياخشى تېرىيمەن، كالا - قويلارنى ياخشى باقىمەن، ياخشى ئىشلىسەملا، بۇ بىر يىلدا 70 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشىمدا گەپ يوق» دېدى يۈسۈپ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن. «ھالاۋەت يولىدا جاپا تارتىپ، كۈچەپ ئىشلىگەندىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق» دېدى گو خۇيجيې كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئىككىيلەن تاماق يەپ بولۇپ، بىرلىكتە ئارقا ھويلىغا بېرىپ كالا - قوي قوتىنىنى رەتلىدى، يەنە ھويلىنىڭ بۇلۇڭىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان نەرسىلەرنى رەتلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆينىڭ ئالدى - كەينى پاكىز، رەتلىك بولۇپ كەتتى. يۈسۈپنىڭ ئەستايىدىل ئىشلەۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ گو خۇيجيې خۇشال بولۇپ كۈلۈمسىرىدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى، 26 ياشلىق يۈسۈپنىڭ تۇيۇقسىز كۆزى ئاغرىپ، ئىككى كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىپ، شۇ جايدىكى دوختۇرخانا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كۆز تېگى سېرىق داغ كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ دىياگنوز قويدى. لېكىن داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا تۈپتىن داۋالاپ ساقايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغانىدى.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، گو خۇيجيې تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۈسۈپ ئائىلىسىدىكىلەرنى كېلىپ كېسەل داۋالىتىشقا دەۋەت قىلدى. يۈسۈپ ئەر - خوتۇن ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۈنى، گو خۇيجيې پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى ھەم ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردى. يۈسۈپ ئەر - خوتۇننىڭ خاتىرجەم تۇرۇشى ئۈچۈن، گو خۇيجيې خوتۇنى ۋە قىزى بىلەن ۋاقتىنچە قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ باردى. تەييارلاپ قويۇلغان يېڭى تاماق بۇيۇملىرى، يوتقان - كۆرپە، يىغىشتۇرۇپ قويۇلغان ئۆيلەرنى كۆرۈپ يۈسۈپنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى.

داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، گو خۇيجيې ھەمىشە يۈسۈپنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدى. داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بىرلىكتە خۇڭشەن تېغىغا چىقتى، مەيداننى ئايلاندى،BRTغا ئولتۇردى، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يېڭى ۋوگزالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى... يۈسۈپ بارغانلىكى يېرىدە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، ھەربىر بەختلىك مىنۇتلارنى خاتىرىلىدى.

«مەن كەنتكە قايتقاندىن كېيىن كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى بالىلارغا ۋە يۇرتداشلارغا سۆزلەپ بېرىمەن، يەنە كۆپچىلىككە مەن ۋە گو خۇيجيېنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغانلىقىدەك ئىشلارنى تەشۋىق قىلىمەن» دېدى يۈسۈپ.

يۈسۈپنىڭ سالامەتلىكى ئۈزۈل - كېسىل ئەسلىگە كېلىپ كەنتكە قايتماقچى بولغاندا، گو خۇيجيې ئۇنىڭغا بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سوۋغا قىلدى. «ھازىر كىچىككىنە بىر يان تېلېفون ئارقىلىق سىز دۇنيا بىلەن باغلىنالايسىز، ئائىلىڭىزدىكى كالا - قويلارنى ياخشى باقسىڭىز، يان تېلېفون ئارقىلىقلا ساتقىلى بولىدۇ، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا زاكاز قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ» دېدى گو خۇيجيې چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ.

بۈگۈنكى كۈندە، يۈسۈپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يەنە دائىم بىر قىسىم قىسقا سىن ئىشلەپ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللايدۇ، ئائىلىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەيدۇ، شۇنداقلا ئاكا - ئىنى ئىككىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ھېكايىسىدىن دائىم ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە بەھرىلىنىدۇ.

«ئاكامنىڭ ئائىلىمىزگە قىلغان ياردىمىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، مەن بۇ قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببەتنى تارقىتىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچىمەن» دېدى يۈسۈپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ