تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» قوللىنىپ، دەل ياردەم بېرىش، تۈپتىن يۆلەش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«<ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ دەل جايىدا ياردەم بېرىشى - يۆلىشى نەتىجىسىدە، مەن قەرزلىرىمنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە 30 مىڭ يۈەن ئامانەت قويدۇم» دېدى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى قىغاز كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئابدۇرېشىت مەتتۇردى پەخىرلەنگەن ھالدا. ئابدۇرېشىت ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىش قىغاز كەنتى يولغا قويغان «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» قوللىنىشتەك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىدىن كەلگەن.

ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش باسقۇچىغا كەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» قوللىنىشتەك نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەل ياردەم بېرىپ، يىلتىزىدىن يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بويىغا قاراپ كىيىم پىچىلگەنلىكتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئېنىق بولدى

قىغاز كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كەسىپ ئاساسى ئاجىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، بۇ كەنت يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس، باقمىچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى بېكىتتى. شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ قىغاز كەنتىدە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن 1 - شۇجى چېڭ دۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا <بويىغا قاراپ كىيىم پىچىپ> ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى ئېچىپ، پائال تۈردە كارخانا، يېزا - بازار زاۋۇتلىرى، نامراتلارنى يۆلەش سېخى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، 177 ئادەمنى مۇقىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، 38 ئادەمنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق ھەم باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق 530 نامرات ئائىلىنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق».

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سەھەردە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرى تاغارچى كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى خې ۋېي ھەرقايسى نامراتلارنى يۆلەش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ چوڭقۇر زىيارەت قىلدى. خې ۋېي مۇنداق دېدى: «بىز ھەربىر نامرات ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ياردەم بەردۇق، يۆلىدۇق ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تۈزگەن <بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر> لايىھەسىنى تولۇقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەر ۋە چەت جايلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ <ھەممە ئائىلىنىڭ چارىسى بولۇش، ھەممە ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇش، ھەر كۈنى كىرىمى بولۇش>ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

بۇ يىل ئۇچتۇرپان ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش جەريانىدا، «تۆتنى تاشلىماسلىق» تەلىپى بويىچە، «بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر»نى دەل جايىدا تۈزۈپ، تۈر مەبلىغى، كەسىپلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئائىلىگە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

كېسەلگە قاراپ دورا بېرىلگەنلىكتىن، نامراتلارنى يۆلەش چارىسى كۆپ بولدى

يېقىندا كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۇرتى يېزىسى ئاشىلى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قانات سەلىقان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا خىزمەت تاپتى.

ئاشىلى كەنتى ئىلگىرى تاغ جىلغىسىدا بولۇپ، 2017 - يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە ناھىيە بازىرىدىن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا كۆچۈرۈلگەن. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچكەن 81 ئائىلىدىكى 322 ئادەمنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 81 نامرات ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، قوي، كالا بورداقچىلىقى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاقىتلىق ئىشلەش، پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بەش چوڭ يۆلەش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ ئارىلىق ئاپتوموبىلى شوپۇرى بولۇش، مېھمانسارايلارغا بېرىپ مۇلازىمەتچى بولۇش، زاۋۇت، كان - كارخانىلارغا بېرىپ كەپشەرچى بولۇش، پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى كۆپەيتىش، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق 286 تۈرلۈك كونكرېت مەزمۇنلارنى ھەربىر ئائىلىنىڭ «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» خاتىرە دەپتىرىگە تۈرلەر بويىچە كىرگۈزدى.

«بىزنىڭ ئۆينىڭ <بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر> خاتىرە دەپتىرىگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە تۈرلۈك مەزمۇن يېڭىدىن قوشۇلدى، تېخى يېقىندىلا مېنىڭ ھازىر پارنىكتا ئىشلەۋاتقان ئىشىم بىر تۈر سۈپىتىدە قوشۇلدى» دېدى قانات.

«ھەربىر تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى پۈتۈنلەي كەنت ئاھالىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بېكىتىلدى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ھەرقايسىسى ئۆزى مەسئۇل بولغان تەۋەلىك رايونى بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ، بىر تۈرنى تاماملىغاندىن كېيىن بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ ماڭدى. بۇ يىلقى 286 كىچىك تۈر مەزمۇنىنىڭ ئىچىدە 258 تۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى» دېدى كۇرتى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، كەنتنى ھۆددىگە ئالغان كادىر ئورال.

بىر ئائىلىنىڭ بىر ھېسابات دەپتىرى بولۇپ، ئائىلىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىلگەن»، كونكرېت تەپسىلىي يېزىلغان «نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر لايىھەسى»نى كۆرگىلى بولىدۇ. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گو يەنيۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەش ئاساسىدا، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، خىزمەت ئەترىتى، ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ئورتاق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تېخنىكا، تۈر، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئون يېزا - بازارنىڭ 45 كەنتىدىكى 1896 نامرات ئائىلىنى دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش بىلەن تەمىنلىدۇق».

ياردەم بېرىش - يۆلەشتە ھەممىنى ئۈستىگە ئېلىۋالمىغانلىقتىن، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولدى

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، بىڭتۇەن 5 - شىسىنىڭ 89 - تۇەن 7 - ليەنىدىكى ئۈزۈمزارلىقتا، بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى بايار بۇلاق غەربىي كەنتى بىلەن چىندېلنجو جەنۇبىي كەنتىدىن كەلگەن 42 كەنت ئاھالىسى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ قېلىن «پاختىلىق چاپىنى»نى سالدۇرۇۋاتاتتى. «بۇ يەردە ئىشلىسەك بىر ئايدا 4000 يۈەن تاپالايمىز، ئىشىنىمىزكى بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى بايار بۇلاق غەربىي كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ماخمۇت ئىمىناخۇن خۇشال ھالدا.

ئەسلىدە، ئىككى كەنتنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى 7 - ليەندىكى ئۈزۈمزارلىقنىڭ نۇرغۇن ئىشلەمچى خادىمغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللىگەن. چىندېلنجو جەنۇبىي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنچى مۇنداق دېدى: «بىز يەنە نامرات ئاھالىلەرنى ئۆز ئالدىغا باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئەمگەك كۈچى بار، تېخنىكىسى يوق نامرات ئاھالىلەرنى باغچە رايونىغا كىرىپ، كوپىراتىپقا كىرىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق».

ئىدىيە - قاراشنى ئۆزگەرتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش «ھادىسىدىن تۈزەش»نىڭ «ماھىيەتتىن تۈزەش»كە، «قان بېرىش»نىڭ «قان ئىشلەش»كە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تۈپتىن كۈچەيتتى.

«تېخنىكا ماھارەت تەربىيەسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، مەن دوستلىرىم بىلەن شېرىكلىشىپ ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئاچتىم، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بىردىنلا ياخشىلاندى» دېدى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئاقچى بازىرى جالاڭچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سالابېك ساتمىش، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئۇ تېخى كونا كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

(مۇخبىر رايىدە، قاتناشقان مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، سۇڭ ياۋېن، جاڭ رۇيلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ