تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بالىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشى بەلكىم كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن

  دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 2010-يىلى 19 خىل بالىلار ئىچكى كېسەل تۈرىنىڭ كىلىنىكىلىق مەنبەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ پاكىنەك كېسىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ پاكىنەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %3 ئىكەن. مەملىكەت بويىچە تۆت ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىچىدە، تەخمىنەن 7 مىليون بالا داۋالىنىشقا مۇھتاج بولىدىكەن، لېكىن كېسەل كۆرسەتكەن بالا 300 مىڭغىمۇ  يەتمەيدىكەن.

  «مەن بىلەن بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ بويى ئېگىز، بالىنىڭ بويى پاكار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس»، «بالامنىڭ بويى كېچىكىپ يېتىلدىغان ئوخشايدۇ، ئەينى يىلى مەنمۇ شۇنداق بولغان»، «مەن بالامنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلەپ، ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغانلىقىمنى بىلمەيمەن»... نۇرغۇن ئاتا-ئانىدا بالىلىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىگە نىسبەتەن خاتا تونۇش مەۋجۇت، ئۇلار بالىنىڭ بويى پاكار بولۇپ قېلىشىنىڭ بەلكىم كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ساغلاملىق بۇيۇملىرى ئېلانىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ياكى بىر تەرەپلىمە قاراپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئاسانلا ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.

  جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جياڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ پاكار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ. ئىچكى ئاجراتما مەسىلىسى، خروموسوما نورمالسىزلىقى، مېتابولىزم خاراكتېرلىك توسالغۇ كېسىلى، بەدەن ساپاسى خاراكتېرلىك بالاغەتكە يېتىش كېچىكىپ قېلىش قاتارلىق تۇغما ئامىللار، يەنە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش، روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش قاتارلىق كېيىنكى ئامىللارمۇ مەۋجۇت.

  بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ، سۆڭەك ئېپىفىزى پۈتۈلگەن ھامان يەنە ئۆسۈش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئۆسۈشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بالدۇراق داۋالىتىشى، قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈشى كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ۋاسىتىسى كېسەللىك سەۋەبىنى داۋالاش، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بىلەن داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن «كېسەلگە قاراپ دورا» بېرىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ھالقا. جياڭ خۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاتا-ئانىلار بالىلارغا «ياخشى يېيىش»، «ياخشى ئويناش»، «ياخشى ئۇخلاش»، «كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك: بالىلار ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قاپ سۈت ئىچىپ كالتسىي تولۇقلىشى كېرەك، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش؛ ھەر كۈنى سىرتتا بىر سائەت ھەرىكەت قىلىش، كۆپرەك سەكرەش، يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، بەدەننى يۇقىرىغا تارتىش قاتارلىق ئۆسۈشكە پايدىلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار سائەت 21:00دىن بۇرۇن ئۇخلاش، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار سائەت 22:00دىن بۇرۇن ئۇخلاش كېرەك؛ بالىلارغا ياخشى بولغان ئائىلە كەيپىياتى يارىتىپ بېرىش، بەك چوڭ بېسىم قىلماسلىق، بالىلارغا ئازادە، خۇشال كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

                                                          شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ