شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر جى رۇڭدو خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخېيەنزى بازىرى شارتورە كەنتىدىكى باۋ جىنخۇا قوتىنىغا كېلىپ دېزىنفېكسىيە قىلىشقا باشلىدى، ئاندىن 18 قوزىغا يەم-بوغۇز بەردى. «بۇلار بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تۇغۇلغان قوزا، مەن بۇ قوزىلارنى چوقۇم باللىرىمغا قارىغاندەك كۆڭۈل قويۇپ باقىمەن» دېدى باۋ جىنخۇا قوتاندىكى قوزىلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.
بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن باۋ جىنخۇانىڭ ئاران تۆت مو يېرى بار بولۇپ، ئىلگىرى يەر ھۆددىگە ئېلىپ تېرىپ، ئېرى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. 2014-يىلىدىكى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغىلى تاسلا قالدى، ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا 150 مىڭ يۈەن خەجلىدى، بۇ ئەسلىدىلا باياشات بولمىغان ئائىلىگە نىسبەتەن «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئىش بولدى.
جىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ شارتورە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خىزمەت ئەترىتى يارىلانغان باۋ جىنخۇانىڭ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى، لېكىن باقمىچىلىق جەھەتتە تەجرىبىسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە «نامراتلارنى يۆلەش قويى»دىن 33 نى تارقىتىپ بەردى.
بۇ 33 تۇياق «نامراتلارنى يۆلەش قويى»غا ئېرىشكەن باۋ جىنخۇا گۆھەرگە ئېرىشكەندەك خۇش بولۇپ، مەخسۇس قوي قوتىنى ياسىدى، «مەن قوي بېقىپ باققان، قوي قوتىنىنى پات-پات تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ تۇرۇش، يەنە ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا قوي ئاسان كېسەل بولۇپ قالمايدۇ» دېدى باۋ جىنخۇا.
گەرچە باۋ جىنخۇانىڭ باقمىچىلىق تەجرىبىسى بولسىمۇ، لېكىن قوي بېقىش جەريانىدا بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، مەسىلەن، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلمىگەچكە، بەزى قويلار كېسەل بولدى. «بىز قوي بېقىشتا ئەنئەنىۋى بېقىش ئۇسۇلىغا تايانساقلا بولمايدىكەن، ئىلغار باقمىچىلىق بىلىملىرى ۋە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەككەن» دېدى باۋ جىنخۇا.
باۋ جىنخۇا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دائىم كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن مەسلىھەت سورىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە مەخسۇس تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. كۆڭۈل قويۇپ باققاچقا، ئۇنىڭ قويى تەدرىجىي كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى 33تىن ھازىرقى 145كە يەتتى. 2019-يىلى باۋ جىنخۇا ئائىلىسىنىڭ قوي بېقىشتىن قىلغان كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
باۋ جىنخۇا «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دېگەن سۆزگە ئىزچىل ئىشىنىدۇ. ھازىر ئۇ بىر جۈپ قولى بىلەن «نامراتلارنى يۆلەش قويى»نى بېقىپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. «ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا قوي بېقىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم. مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، ئىلغار باقمىچىلىق بىلىملىرى ۋە تېخنىكىسىنى كۆپرەك ئۆگىنىمەن. بۇ يىل مەن يەنە كۆپرەك قوي بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن، كۈنلىرىمىزنىڭ يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى باۋ جىنخۇا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.