3-ئاينىڭ 24-كۈنى، 62 ياشلىق ليۇ گاڭ بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شەندۇڭ جىنەندىكى ئۆي سىرتى مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئاممىۋى ئورۇنلار ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلدى. جىنەندىكى قەھرىمانلار تېغى (يىڭشيۇڭشەن) باغچىسىدىكى بىر ئورمانلىقنىڭ بوش يېرىدە ئالاھىدە «چېنىقىش ئۆيى» بار، بۇ يەردە چېنىقىشقا قاتنىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 60 ياشتىن ئاشقان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان ھەر خىل ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. (جۇ جېڭ فوتوسى)