3-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا توپ تەپمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانىنى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېچىۋېتىلىدىغان مەيدان تەنتەربىيە مەيدانىدىكى يۈگۈرۈش يولى، پۇتبول باش تېما باغچىسى، چېنىقىش باش تېما باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېنىقىش مەيدانىنىڭ تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەركىزى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، ۋاقىت چەكلەش، ئادەم سانىنى بېكىتىش، مەيداننى ئالدىن كېلىشىش، دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. (ۋاڭ كەي فوتوسى)