تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۈيتۈن شەھىرى: كەنت ئاھالىلىرى توخۇ بېقىپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چىن خەيلەن خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈيتۈن شەھىرى كەيگەنچى يېزىسى گاۋگېدا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق لى ئەيلىڭ توخۇ كاتىكىدە يېڭىدىن كىرگۈزگەن چۈجىلەرگە دان بېرىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

  گاۋگېدا كەنتى ھەر بىر ئائىلىگە بىر نۇسخىدىن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش لايىھەسى تۈزۈپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران كۆلىمىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى، شەھەر ئەتراپى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چۈجىلەرنى كىرگۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

  گاۋگېدا كەنتىنىڭ كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى توخۇ بېقىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە بانكىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق قەرز پۇلى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

  لى ئەيلىڭ ئائىلىسى 2016-يىلىدىن باشلاپ توخۇ بېقىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى يىلدىن-يىلغا كېڭەيتتى، 2019-يىلى 2000دىن ئارتۇق توخۇنى سېتىپ چىقىرىپ، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا ئالدى. بۇ يىل، لى ئەيلىڭ ئائىلىسى توخۇ كاتىكىنى كېڭەيتتى ھەمدە باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى