مۇبارەك بولسۇن!
شىنجاڭدا يەنە ئىككى ئورۇندا دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى كۆپەيدى!
يېقىندا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تور بېكىتى «دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى دازۇڭخۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قاتارلىق 40 جايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي باغچىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە دائىرىسىنى تەڭشەشكە قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى
شىنجاڭ قومۇل پىتېروزاۋر يارداڭلىقى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى، شىنجاڭ بۇرچىن دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىغا «دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى سالاھىيىتى» بېرىلدى.
تېزدىن چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرۇۋېلىڭلار
تەھرىرىمىز بىلەن بىللە توردىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىمىز
قومۇل پىتېروزاۋر يارداڭلىقى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى
قومۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرى چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، قومۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر.
قومۇل پىتېروزاۋر يارداڭلىقى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى
دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇھىم پىتېروزاۋر تاش قاتمىسى خارابىسى
پىتېروزاۋر تەتقىقاتىدىكى 200 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنىڭ بىرى
تاشقاتما بايقالغان بۇ جاي نۆۋەتتە ئۈچ ئۆلچەملىك ستېرېئوپىتېروزاۋر تۇخۇمى ساقلانغان
شۇنىڭدەك چىشى، ئەركەك پىتېروزاۋۇرلارنىڭ مۇھىم تاش قاتمىسى خارابىلىكى
بۇرچىن دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي جەنۇب ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ.
شىمالدا قاناس دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 160 كىلومېتىر، جەنۇبتا كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 كىلومېتىر، ئالتاي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 105 كىلومېتىر كېلىدۇ.
بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭنى ئالقىشلايلى!
(ئۇنىۋېرسال: دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تور بېكىتى، تىيانشان تورى، شىنجاڭ توۋتياۋ)