تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بوۋاقنىڭ چىرايى خۇنۈك، چېچى سارغۇچ، خام سېمىز بولسا، بۇ چارىنى سىناپ كۆرۈڭ

     تېرىق(小米)، تەسۋىگۈل(薏米)، لۇڭيەن(龙眼) ئۇمىچى

   ماتېرىيال: تېرىق 25 گىرام، تەسۋىگۈل 15 گىرام ، لۇڭيەن مېۋىسى 20 گىرام .

  تەييارلاش ئۇسۇلى: تېرىق، تەسۋىگۈل، لۇڭيەن مېۋىسىنى يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، 30 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن ئىچىشكە بولىدۇ .

  شىپالىق رولى: تېرىقنىڭ تەمى سەل قىرتاق، تەبىئىتى سەل سوغۇق بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئاجىزلىقنى تولۇقلايدۇ؛ تەسۋىگۈلنىڭ تەبىئىتى سەل سوغۇق بولۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، پەينى بوشىتىپ ئۇيۇشۇشنى يوقىتىدۇ؛ لۇڭيەننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، يۈرەك ۋە تالنى قۇۋۋەتلەپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

  ماس كېلىدىغان ئالامەتلەر: چىرايى خۇنۈكلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چېچى سارغىيىش، خام سېمىز بولۇش، يەنى جۇڭگو تېبابىتى بويىچە تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلار.

  ماس كېلىدىغان ياشتىكىلەر: بىر ياشتىن يۇقىرى بالىلار.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ