3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىندېڭ بازىرى شاڭۋاڭ كەنتى خېيشەندىڭ چوققىسىدىكى قىچىزارلىقتا سەيلە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى
تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەنزىرە رايونلار ئېچىۋېتىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى فۇياڭ رايونى شىندېڭ بازىرى شاڭۋاڭ كەنتىنىڭ خېيشەندىڭ چوققىسىدىكى پەلەمپەي ئېتىزلاردا قىچا گۈللىرى ئېچىلدى. خېيشەندىڭ چوققىسىنىڭ كۆلىمى 100 موغا يېقىن بولۇپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە كۈن چىقىش، كۈن پېتىش، كەچكى شەپەق، تۇمانلىق مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەرلىكلەر بۇ جاينى زامانىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ، قىچا، شاپتۇل، نەشپۈت، ئاققوناق، بىنەم شال قاتارلىقلارنى تېرىش ئارقىلىق، ساياھەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى فۇياڭ رايونى يەرلىكنىڭ يېزا خاس ساياھەتچىلىكىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى، ساياھەت كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى. 2019- يىلى رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 15 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 857 مىليون يۈەن كىرىم قىلىندى.
3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىندېڭ بازىرى شاڭۋاڭ كەنتى خېيشەن چوققىسىدىكى 100 موغا يېقىن قىچىزارلىقنى تاماشا قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
3- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىندېڭ بازىرى شاڭۋاڭ كەنتى خېيشەن چوققىسىدىكى قىچىزارلىق بىلەن شاپتۇل چېچىكى بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىندېڭ بازىرى شاڭۋاڭ كەنتى خېيشەن چوققىسىدىكى قىچىزارلىقتا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
3- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىندېڭ بازىرى شاڭۋاڭ كەنتى خېيشەن چوققىسىدىكى 100 موغا يېقىن قىچىزارلىق (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىندېڭ بازىرى شاڭۋاڭ كەنتى خېيشەن چوققىسىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ قىچىزارلىقنى تاماشا قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).