3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىشچىلار لوپنۇر ناھىيەسىدىكى بىر يېمەكلىك شىركىتىدە نان پىشۇرماقتا. ھازىر لوپنۇر ناھىيەسىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى. چاڭ شۆخۇي فوتوسى
3-ئاينىڭ 20-كۈنى، دېھقان ئايال توخۇ كاتىكىدە توخۇلارغا يەم بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى قارا يانتاق كەنتى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دېھقانلارنى ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقى، ھويلا-ئاران باقمىچىلىقى قاتارلىقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەم بەردى. ياڭ شو فوتوسى
3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىشچىلار كۇچا جۇڭنېڭ تۇرۇبا چەكلىك شىركىتىدە تۇرۇبا ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ شىركەت شۇ جايدىكى يېزىلاردىن 58 ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشى ئايلىق مائاشى 3500 يۈەن بولۇپ، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. نىياز راخمان فوتوسى