بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لى خەۋىرى) يېقىندا، 10-شى 182-تۇەن دىڭشەن سۇ ئامبىرى پەسىل قۇشلىرىنى، ئەتىۋارلىق قۇشلارنىڭ قايتىپ كېلىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، شىمالغا قايتىپ كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ياۋا غاز توپ-توپ بولۇپ سۇ ئامبىرى بويىغا ئۇچۇپ كېلىپ، ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 182-تۇەن يېشىل ئېكولوگىيە ماركىسىنى ئاساس قىلىپ، دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنىڭ يېشىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. «بۇ بىر نەچچە يىلدا، بىز دەريا، كۆللەرنى تۈزەشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەر يىلى دەريا، كۆللەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردۇق، بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەر ياۋا غاز، ئاق تۇرنا، قارنا، ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ ماكانى بولۇپلا قالماي، تۇەن، چاڭلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى 182-تۇەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى تەن شىنۋېن.
ئىگىلىنىشىچە، 182-تۇەندە 33 مىڭ 500 مو سۇ بايلىقى باربولۇپ، 2016-يىلى، تۇەن پارتىيە كومىتېتى ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق تۇەنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، تۇەن، چاڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، «بىر دەرياغا بىر تەدبىر»، «بىر ئامبارغا بىر تەدبىر»، «بىر كۆلگە بىر تەدبىر» لايىھەسىنى ئورنىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا «چۇۋۇش، توسۇش، تىزگىنلەش، تەڭشەش، باشقۇرۇش»قا كۈچ سەرپ قىلىپ، تۇەن، چاڭدىكى سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى يىلمۇيىل ياخشىلاپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقان.