تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شايار ناھىيەسى: لازا تېرىقچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: قۇياش نۇرىغا تولغان 3-ئايدا، بارچە مەۋجۇدات جانلىنىدۇ. 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە، شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى مىجىت ھىمىت ئائىلىسىدىكىلەر ئېتىزدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «بۇ يىل ئەتىياز بالدۇر كەلدى، تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلىدى، مەن لازا ئۇرۇقىنى تېزرەك تېرىپ، بالدۇرراق ھوسۇل ئېلىشىم كېرەك» دېدى مىجىت.

  مىجىت كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، بۇلتۇر تۆت مو يەرگە لازا تېرىپ، مو بېشىغا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان، لازا تېرىش ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئۇلارغا بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ يىل مىجىت ئالتە مو يېرىنىڭ ھەممىسىگە لازا تېرىغان.

  مىجىتنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئوتتۇرىغا قويغان «مىڭ مولۇق لازا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى» پىلانىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

  خىزمەت ئەترىتى يېڭى لازىنىڭ شۇ جاينىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى زۆرۈر قورۇما ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى، لازىنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىش شۇ جايدىكى ئامما ياسايدىغان قوشۇمچە ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ لازا تېرىش ئەنئەنىسى بارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن سىرت، لازىنىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكى قىسقا، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، بازار باھاسى ياخشى بولغاچقا، لازا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن ئىستىقبالى زور ئىدى.

  نىشان بېكىتىلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە لازا تېرىش چوڭ ئائىلىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى. دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى دەرس ئۆتۈش، لازا تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەرنى ئۆز تەجرىبىسىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش ۋە زىرائەت تېرىش ئۈنۈمىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تەۋەلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەپ، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش ئارقىلىق بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە تەۋەلىكتىكى لازا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قېلىپلىشىپ يۈرۈشۈشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە ئالاقىدار كارخانا ۋە سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، لازىنىڭ سېتىش يولى مەسىلىسىنى زاكاز قىلىش شەكلى ئارقىلىق ھەل قىلدى.

  «بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يىلى، بىز كەسپىي ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، لازا ئارقىلىق ئاممىنى بېيىتىپ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مەخمۇت داۋۇت.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ چاۋ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى