تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلانغان نامرات ناھىيەلەردە %90 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى قوزغىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلانغان 25 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىدىن 1890نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 16 مىليارد 325 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە %90 تۈر قوزغىتىلىپ يولغا قويۇلدى.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىدە ئىمكانقەدەر بالدۇر ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى قوللاپ ۋە تەشكىللەپ، 3 - ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاش، ئالدىنقى يېرىم يىلدا تولۇق پۈتتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەبلەغنى بالدۇر چىقىم قىلىشقا، تۈرلەردە بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا، نامرات ئاممىنىڭ بالدۇر نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىققان نامرات ناھىيە، نامرات كەنت، نامرات نوپۇسقا قارىتا، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ھازىر بار بولغان سىياسەتلەرنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى ساقلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ نامراتلىقتىن چېكىنگەن 25 نامرات ناھىيەگە قارىتا «تۆتنى تاشلىماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قالپاقنى ئېلىپ تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى تاشلىمايدۇ، قالپاقنى ئېلىپ تاشلىسىمۇ، سىياسەتنى تاشلىمايدۇ، قالپاقنى ئېلىپ تاشلىسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىمايدۇ، قالپاقنى ئېلىپ تاشلىسىمۇ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىمايدۇ. نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان نامرات ناھىيەلەردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ پۇختىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جەزمەن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. داۋاملىق تۈردە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش، كەملىرىنى تولۇقلاش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارغا پايدا يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال تەشكىللەپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چارۋا - قۇش باقمىچىلىقىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللەر خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەك كۈچى بار ھەربىر نامرات ئائىلىدە مۇقىم كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تىرەك بولىدىغان بىر كەسىپ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈپ سانىنى ئېنىقلاپ، نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇشى، ھەر كۈنى كىرىمى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى بار ناھىيەلەر داۋاملاشما ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت، مەھەللىلەرنى تۈزەش، جەمئىيەتكە سىڭىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، كىرىمى بار بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغان بولۇش، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى نامرات ئاممىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇكاپات تولۇقلىمىسى، ئەمگەك مۇلازىمەت ياردەم پۇلى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، نامرات ئاممىنى ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى