تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: ئىلمىي باشقۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خې، جاڭ جۈەن خەۋىرى، فوتوسى): «قارا مورنى ھەريىلى ئىككى قېتىم تېرىغىلى بولىدۇ، بۇلتۇر كۈزدە پارنىكتىن 2300 كىلوگرام ھۆل مور ئۈزۈپ، 115 كىلوگرام قارا مور قۇرۇتتۇم، 6000 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم. بۇ يىل مەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىلمىي باشقۇرۇپ، ئىلمىي تېرىپ، ھەربىر پارنىكتىن 12 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىدىم» دېدى يېقىندا ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى يارقوتان كەنتىدىكى نامرات ئاھالە سالام ئىسمايىل خوشال ھالدا.

  ئىلگىرى سالام ئىسمايىل ئائىلىسىدىكىلەر بىر مو ئۈچ پۇڭ يەرگە ئىشلەيتتى، كىرىمى تۆۋەن، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئىدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى يارقوتان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ قارا مور پارنىكىغا 2000 زەمبۇرۇغ تاياقچىسى سوۋغا قىلىپ، ئاپتوماتلاشقان پۈركۈپ سۇغىرىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇردى، يەنە ئۇنىڭغا قارا مور ئۆستۈرگەندە تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى كونترول قىلىش، مورنى قانداق ئۈزۈشنى ئۆگەتتى. 

  خىزمەت ئەترىتى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇلتۇر كەنتكە 50 پارنىك سالغۇزۇپ بەردى ھەمدە 100 مىڭ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى تېرىتتى. خىزمەت ئەترىتى «بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ نامرات ئائىلىلەرنىڭ زەمبۇرۇغ تېرىشىغا مەبلەغ، تېخنىكا، سېتىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى ۋە تېرىقچىلىق ئارزۇسى، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىلەر بىلەن تېرىپ يىغىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، نامرات ئاھالىلەر ئۈزۈشكە مەسئۇل بولدى، قارا موردىن ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىپ بەردى.

  «ھازىر يارقوتان كەنتىدىكى قارا مور ئۆستۈرۈش بازىسىدا قارا مور تېرىيدىغان نامرات ئائىلىدىن 50ى بار، ھەربىر ئائىلە 2000 دانە زەمبۇرۇغ تاياقچىسى تېرىدى، بىر يىلدا ئىككى قېتىم تېرىيدۇ» دېدى 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۈ پېيجى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، خىزمەت ئەترىتى يەنە «دەل جايىدا بولۇش»قا كۈچ سەرپ قىلىپ، ياڭاقچىلىقتا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، ئۆرۈك باغچىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن.

    يارقوتان كەنتىدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ %60ى ياڭاقتىن كېلىدۇ، ئەمما ئىلگىرى باشقۇرۇش ئىلمىي بولمىغاچقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلدى. بۇلتۇر، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مەسلىھەتلىشىپ، 300 مو يەردىكى قېرى ياڭاق دەرەخلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا تاللاپ يېتىشتۈردى، ئىلمىي باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ ھەرمو كىرىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكى %30-%40 ئاشتى، ھەر مو يەرنىڭ يىللىق كىرىمى 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ئاشتى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق دەرىخىنى پۇتىماقتا.

  «بىزنىڭ يەتتە مو ياڭاقلىقىمىز بار، ئىلگىرى قارىغۇلارچە پەرۋىش قىلىنغاچقا، بىر مو يەردىن قىلغان كىرىمىمىز 1000 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى، خىزمەت ئەترىتى بىزنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشىمىزغا ياردەم بەردى، ھازىر بىر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىم 2000 يۈەنگە يېتىدۇ. خىزمەت ئەترىتى قولمۇقول ئۆگىتىپ، چۈشەندۈرگەچكە، نۇرغۇن باغۋەنچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى» دېدى 51 ياشلىق تۇرسۇن نىياز.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى بۇلتۇر 4-ئايدا يەنە تۈر مەبلىغىدىن 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، كەنتتىكى مەركەزلىك تۇتاش 250 مو يەردە ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆرۈك، يەرلىك شاپتۇل، ئەينۇلا دەرىخى ئۆستۈردى. «2021-يىلى مېۋىلەش مەزگىلىگە كەلگەندە، يېڭى ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 15 يۈەنگە، ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈك قېقىنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 80 يۈەنگە سېتىپ، ھەر مو يەردىن ئاز دېگەندە 3000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى مەمەت ئەركىن خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى