3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاشقورغان ناھىيەسىدىكى شەھەر-يېزا ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا ئالاقىدار مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىر فۇ چاۋ خەۋىرى، فوتوسى): «مۇئەللىم، خەيرلىك ئەتىگەن!» 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 9:30دا، دادىسىنىڭ ئاپىرىپ قويۇشى بىلەن، 12 ياشلىق جامالىدىن قېيۇمجان مەكتەپكە كەلدى. ئۇ يىراقتا تۇرۇپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى مۇئەللىمىدىن ئەھۋال سورىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ بولغاندىن كېيىن تەرتىپلىك ھالدا مەكتەپكە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىلار: «بىز تونۇش مەكتەپكە يەنە قايتىپ كەلدۇق» دېيىشتى.
جامالىدىن قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى شەھەر-يېزا ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ دېڭىز يۈزىدىن 3100 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاز ساندىكى ئېگىزلىكتىكى مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى 1000 كىلومېتىر كېلىدىغان يىراق قىشلاقتا تۇرىدۇ.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاشقورغان ناھىيەسىدىكى شەھەر-يېزا ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچراشماي تەرتىپلىك تاماق يېمەكتە.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاشقورغان ناھىيەسىدىكى شەھەر-يېزا ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاشقورغان ناھىيەسىدىكى شەھەر-يېزا ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆچىرەت تۇرۇپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن مەكتەپكە كىرمەكتە.