3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدا، ئىشچىلار مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا كۆكتات مايسىلىرىغا سۈ پۈركۈپ پەرۋىش قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى)
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەلىك زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدىكى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى كۆچۈرۈپ تىكىش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جاي دېھقانلارنى تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاكتىپ يېتەكلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش، باغ-ۋاران ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش، كۆكتات سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش»تەك تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم يول، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىنى تايانچ قىلىپ، 2 مىليون 500 مىڭ تۈپ مايسا سىغدۇرالايدىغان تولۇق ئىقتىدارلىق، ئۆلچەملىك مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىنى قۇرۇپ، ھەر يىلى پۈتۈن ناھىيەدىكى 1892 پارنىك، 488 كۆكتات لاپىسى ۋە قۇرۇقلۇقتا كۆكتات تېرىش ئائىلىسىنى تۈرلۈك مايسىلار بىلەن تەمىنلەپ، 1600دىن ئارتۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەلىك زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدا، ئىشچىلار مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى)
3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەلىك زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدا، ئىشچى يېتىشتۈرۈلۈپ بولۇنغان كۆكتات مايسىسىنى يۆتكىمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى)
3-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئاقتۇ ناھىيەلىك زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەلىك زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدا، ئىشچى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى)
3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەلىك زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىدا، ئىشچى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا يېتىشتۈرۈلگەن لازا مايسىسىنى كۆرسەتمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى)