تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ: يېزىلاردا كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ خۇيشاڭ يىجۈ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىم ماسكا چۆرىسىنى تورلىماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)

  شىنجاڭدا تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى كارخانىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن تىپتىكى كارخانىلارمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى. خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى سانجۇ بازىرى قۇمئېغىل كەنتىدە، شىنجاڭ خۇيشاڭ يىجۈ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، ماسكا ئىشلەپچىقاردى. شىنجاڭ خۇيشاڭ يىجۈ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى شۇ جايدىكى 500دىن ئارتۇق ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە % 80ى نامرات ئاھالىلەر.

  شىنجاڭدىكى نۇرغۇن نامرات رايونلاردا، «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزا-بازارلاردا كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتتە ھەمراھ زاۋۇت بولۇش، ئائىلىدە كىچىك ھۈنەرخانا بولۇش»تىكى كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەندىزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ خۇيشاڭ يىجۈ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىم ماسكا تىكمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى