تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى: نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يۈزتۇرا ياردەم بېرىش

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىر قېيۇم قادىر): «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ياردەم قىلىپ مېنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، كارخانىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويىمەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئائىلەمنى تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمەن» دېدى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تاشۋېلىق يېزىسى خوتۇنتام كەنتىنىڭ ئاھالىسى مىجىت مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

  بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن مىجىت مەمەتنىڭ ئائىلىسىدە تۆت جان بار بولۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، بىر ئائىلىدىكى تۆتەيلەن كەينى-كەينىدىن خىزمەت تاپتى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كەنتتە تازىلىق ئىشچىسى بولدى، ئاكىسى شەھەر رايونىدىكى خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  3-ئاينىڭ بېشىدا، ئېۋىرغول رايونلۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا مىجىت مەمەت ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، مىجىت مەمەت ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر خوتۇنتام كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 28 نامرات ئائىلىدە 66 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 27 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ