شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى لوپ ناھىيەسى لىتيەن شياڭنۇڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى بوغۇزلاش، پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە ئالدىراش ئشلىمەكتە. لوپ ناھىيەسى «شىركەت+كەنت پارتىيە ياچېيكىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى+ نامرات ئاھالە» ئەندىزىسىگە ئاساسەن، لوپ ناھىيەسىدە لىتيەن شياڭنۇڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، گۆش ئۆردىكى باقمىچىلىقىنى چۆرىدەپ، ھازىر يىللىق تۇخۇمدىن چىقىش مىقدارى 12 مىليون ئۆردەك چۈجىسىگە يەتكەن تۇخۇم بېسىش بازىسى بەرپا قىلىپ، يىللىق بوغۇزلاش ئىقتىدارى 30 مىليون ئۆردەككە يېتىدىغان بوغۇزلاش زاۋۇتى ۋە يىلىغا 120 مىڭ توننا يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان زاۋۇت قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، 1200 ئادەمنىڭ بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
كەسىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرەك بولدى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/03/23 11:39
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.