تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى ئوبۇل ھاشىم خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاراقاش ناھىيەسىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

ئەركىن تۇنىياز نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، كەسىپلەر باغچىسىنى زىيارەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نامرات نوپۇسلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ 83 نامرات كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ يېزا - كەنت كادىرلىرى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىگىلىرى، دېھقانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ھازىرقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «ئۈچتە تەۋرەنمەسلىك» «ئۈچكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەسىپلەر تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك. «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشالىشىغا، كۈندە كىرىمى بولۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىدىيە خىزمىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر»نى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەرتىش كېرەك. بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇش، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئورتاق تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى ليۇ مېڭشىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى.

ۋاڭ جۈنجېڭ بۇ ناھىيەدىكى 24 نامرات كەنتكە قارىتا تولۇق قاپلىغان نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى. ھەربىر ئائىلىگە كىرگەندە، ۋاڭ جۈنجېڭ ئائىلىنىڭ نوپۇسى، كىرىمى، ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە بولغان تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، بىر كەنتكە بىر لايىھە، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات كەنتلەر ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى بىر تۈرلۈك قاتتىق ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، قىسقا مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋاقتىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئىشنى پۇختا قىلىپ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئورۇندىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى يۈسۈپجان مەمەت خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن ئېغىر نامرات ناھىيە گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. تيەن ۋېن مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تيەن ۋېن قاتارلىقلار گۇما ناھىيەسىدىكى بۇ يىل نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلىدىغان 50 نامرات كەنتنى ئايلىنىپ، 254 ئائىلىگە كىرىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى، تۇرمۇش مۇھىتىنى تەكشۈردى، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىقتىسادىي كىرىمى، تەن ساغلاملىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا چېكىندۈرۈش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ھەم ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ئەھۋالى، بولۇپمۇ كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تيەن ۋېن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى ھەقىقىي نىشانلاپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى مۇرادىل ئابدۇللا، ئابلىمىت ئابدۇللا خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سارقىت ئاقان ئېغىر نامرات ناھىيە لوپ ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

سارقىت ئاقان لوپ ناھىيەسىدىكى بۇ يىل نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلىدىغان 41 نامرات كەنت، چېكىنىپ چىققان 11 كەنت، ئىككى نامرات ئەمەس كەنتنى تولۇق قاپلىغان زىيارەت ئېلىپ باردى. 128 نامرات ئائىلىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزىگە تايىنىپ، تىرىشچانلىققا تايىنىپ ياخشى كۈن كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. 40 كەسىپلەر تەرەققىيات تۈرى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىلىرى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى.

سارقىت ئاقان مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى، «قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش»تەك قەھرىمانلارچە جاسارەت، «مەقسەتكە يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىق»تەك كۈرەش قىلىش روھى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىقتىدار ۋە ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى چۈشىنىش، ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋاڭ نىڭ، ليۇ يۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن ئېغىر نامرات ناھىيە ئاقتۇ ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالتە يېزا - بازاردىكى 24 نامرات كەنتنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، 124 نامرات ئائىلە، كۆزىتىلىدىغان ئائىلە، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى يۈزتۇرا ئىگىلىدى.

ياڭ شىن نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، نامرات كەنتلەردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسىپلەر تۈرى بازىسى، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، نۇقتىلىق كارخانا ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇشى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىش مۇددىتىنى تەتۈرىسىگە تىزىپ نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.

ياڭ شىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەم شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، كۈندە كىرىمى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەم «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇساپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇنداش - ئورۇندىيالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە، ئاچقۇچى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىلىدا. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىققا، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، خىزمەت، تۇرمۇش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى دىققىتىنى يىغىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى