تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جاڭ جيېمىڭ: قارا نىيەتلەر بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانى - نەمۇنىچىسى

جاڭ جيېمىڭنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ لياڭخېڭ) 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا، «جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇمايدۇ − 1949 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، يارىلىنىپ مېيىپ بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى خاتىرە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئېچىلدى. مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، ئىنقىلابىي قۇربان جاڭ جيېمىڭنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تولىمۇ جەلپ قىلدى.

جاڭ جيېمىڭ، ئەر، 1972 - يىلى 10 - ئايدا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭشياڭ ناھىيەسى(ھازىرقى نىڭشياڭ شەھىرى)دە تۇغۇلغان، 1992 - يىلى 12 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 2002 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، 1 - دەرىجىلىك مەسئۇل ساقچى، قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى چاڭشا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى فۇرۇڭ چوڭ ئەترىتىدە خەلق ساقچىسى بولغان.

2003 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جاڭ جيېمىڭ مۇھىم، زور مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەھۋال ئەڭ مۇرەككەپ بولغان چارلاش رايونىغا بېرىپ چارلاش، دېلو بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ كۈنى سەھەر سائەت 4 تىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ جيېمىڭ، لو شىخەي، چېن ۋېيدىن ئىبارەت ئۈچ خەلق ساقچىسىدىن تەشكىللەنگەن چاڭشا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى فۇرۇڭ چوڭ ئەترىتىنىڭ 12 - نومۇرلۇق چارلاش ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى چاڭشا شەھىرى شاۋشەن يولىنى چارلاۋاتقاندا، چاڭشا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەركىزىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇيرۇقتا ئۈچ ئوغرىلىق جىنايەت گۇماندارىنىڭ تامدىن ئارتىلىپ فۇرۇڭ رايونى يۈيىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرىپ كەتكەنلىكى ئېيتىلىپ، 12 - نومۇرلۇق ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ دېلونى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 12 - نومۇرلۇق ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى تېزلىكتە يۈيىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىغا يېتىپ كەلگەن. دېلو مەلۇم قىلغۇچىدىن كونكرېت ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، جاڭ جيېمىڭ دەرھال ئالاقىدار خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاختۇرۇشنى قانات يايدۇرغان. بەش مىنۇتتىن كېيىن، جاڭ جيېمىڭ ئالدى بىلەن مالىيە ئىشخانىسى كارىدورىغا كىرىدىغان دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن ئاجىز نۇر چىقىپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال جىنايەت گۇماندارىغا سىرتقا چىقىشنى بۇيرۇغان ھەم خىزمەتداشلىرىغا كارىدور دەرۋازىسىنى قورشاشنى تاپىلىغاندىن كېيىن، ئۆزى ھەممىدىن بۇرۇن ئېتىلىپ كىرگەن.

ئۈچ جىنايەت گۇماندارى ساقچى بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئۈچ قىرلىق قىرىش پىچىقىنى ئوينىتىپ، بىر تەرەپتىن سىرتقا بۆلۈنۈپ قاچقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر جىنايەت گۇماندارى سىرتقا قاچقاندا، جاڭ جيېمىڭ ئۇنى توسۇۋالغان. ئۇچىغا چىققان قەبىھ جىنايەت گۇماندارى بىر تەرەپتىن «ئۇنداق قىلما» دەپ جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن قاتىللىق قورالىنى پۇلاڭلىتىپ، جاڭ جيېمىڭغا قالايمىقان تىققان.

ئۇچلۇق خەنجەر ئالدىدا، جاڭ جيېمىڭ قىلچە قورقۇپ قالمىغان. لېكىن كارىدور بەك قاراڭغۇ بولغاچقا، جىنايەت گۇماندارى بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا جاڭ جيېمىڭ يەنىلا يارىلانغان. جىنايەت گۇماندارى جاڭ جيېمىڭغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 18 پىچاق تىققان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر پىچاق يۈرەك ۋە ئۆپكىنى تېشىۋەتكەن بولۇپ، يارا ئېغىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 18 سانتىمېتىرغا يەتكەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتىدە، جاڭ جيېمىڭ يەنىلا جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىككى پۇتىنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ قويۇۋەتمىگەن.

ۋەھشىي جىنايەت گۇماندارى باشتىن - ئاخىر قەھرىماننىڭ ئامبۇردەك ئىككى قولىدىن قۇتۇلالمىغان، بەش مىنۇتتىن كېيىن، ئېلىشىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىغان ئىككى سەپدىشى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى يېتىپ كېلىپ، بىرلىكتە جىنايەت گۇماندارىنى بويسۇندۇرغاندىلا، جاڭ جيېمىڭ قولىنى بوشاتقان. «سىلەر ئۇنى (قارا نىيەت) ئېلىپ كېتىڭلار، مەن بولالماي قالىدىغاندەك تۇرىمەن»، بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا جاڭ جيېمىڭ ھوشىدىن كەتكەن، ئاخىر يەنىلا ھوشىغا كېلەلمىگەن.

ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن جاڭ جيېمىڭدىن قان زىيادە كۆپ چىقىپ كېتىپ، يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

چاڭشا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سىياسىي بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى كۇڭ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جاڭ جيېمىڭ بىر مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى. ھايات ۋاقتىدا، ئۇ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ ۋە تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشقان. ئۇ ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر دۆلەت مەمۇرى بولۇپ باھالانغان، تۆت قېتىم تارماق ئەترەت تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى بولۇپ باھالانغان، 1995 - يىلى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشتا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، چاڭشا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن. 2002 - يىلى، 2003 - يىلى كوچىلاردىكى «بۇلاش، تارتىۋېلىش» جىنايىتىگە زەربە بېرىش نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا، ئىككى قېتىم تارماق ئەترەت تەرىپىدىن «تۇتۇش ماھىرى»، «تەھقىقلەپ پاش قىلىش ماھىرى» دەپ باھالانغان.

2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جاڭ جيېمىڭغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن؛ 2003 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جاڭ جيېمىڭغا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ