تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپلەر ئارقىلىق 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىلىق 100 مىڭ 800 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شارائىتقا قاراپ خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ يىل 100 مىڭ 800 نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

لوپ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جوۋجوۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ناھىيە بۇ يىل كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىلىق 5500دىن كۆپرەك نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، ئاساسلىقى باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق كەسپىگە تايىنىپ، زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش ۋە كەپتەر، توشقان، ئۆردەك قاتارلىق باقمىچىلىق كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. نۆۋەتتە، ناھىيە يېڭى كەسىپلەرنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىپتۇ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سېتىش تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۈلۈك پايدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

بۇلتۇر كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك بولغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 1 - كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق كېڭەيتىش، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى كۆلەملىك بېقىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك كەسىپ بويىچە «قوش قاپلاش» «قوش سۇغۇرتا»نى پائال كېڭەيتىپ، خاس كەسىپ تۈرىدىن 1799نى ئەمەلىيلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى