تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدى

قىزىلسۇ ئوبلاستى:

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا، بۇ يىل باھار ئادەتتىن تاشقىرى بالدۇر كەلگەندەك قىلاتتى. كۈن نۇرى پارنىكىدا مايسىلار ياشىرىپ، مېۋىلەر قىزارغانىدى، كۆچۈرۈش نۇقتىسىدا تۇرمۇش ناھايىتى ياخشى، زاۋۇت ئۆيلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئالدىراش ئىدى... ئىشچان دېھقانلار بىر جۈپ قولى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش جاۋاب قەغىزىنى يېزىۋاتاتتى.

چوڭ پارنىك شياڭگۇسى «بېيىش كۈنلۈكى»نى ئاچتى

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى قورغان كەنتىدىكى شىنشىنرۇڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شياڭگۇ چوڭ پارنىكىدا، ياسىن ئىسلام شياڭگۇلارنى پەرۋىش قىلىۋاتاتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا پايدا تەقسىملەشتە، ئۇنىڭغا 800 يۈەن تەگدى. «تېخنىك خادىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، شياڭگۇلار ناھايىتى ياخشى ئۆستى، شياڭگۇ ياخشى ئۆستۈرۈلسە، سېتىپ كىرىم قىلىپلا قالماي، يەنە يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ» دېدى ياسىن شياڭگۇ لىققىدە ئۈنگەن زەمبۇرۇغ تاياقچىسىگە قاراپ تۇرۇپ.

قورغان كەنتىدە نوپۇس كۆپ، يەر ئاز، كەنت ئاھالىلىرى كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى بىر خىل ئىدى. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قورغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» شياڭگۇ تېرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «شياڭگۇ كىچىك بازىرى» بەرپا قىلدى.

2019 - يىلى، قورغان كەنتى 6000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شياڭگۇ باغچە رايونى ۋە 2300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شياڭگۇ زەمبۇرۇغ تۈرىنى يېتىلدۈرۈش بازىسى قۇردى، 1 - قاراردىكى تۆت شياڭگۇ يېتىلدۈرۈش چوڭ پارنىكىدا سىناق تەرىقىسىدە 20 مىڭ تاياقچە شياڭگۇ يېتىلدۈرۈلدى. كەنتتە شىنشىنرۇڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، شياڭگۇ يېتىلدۈرۈشتە بىرتۇتاش ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش، سېتىشنى يولغا قويۇپ، 1 - قاراردا 40 نامرات ئائىلىلىكنى شياڭگۇ يېتىلدۈرۈشكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. قىسقىغىنا نەچچە ئايدا يىغىۋېلىنغان توققۇز توننا شياڭگۇ 110 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم ياراتتى، نامرات ئائىلىلەر ئائىلە بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

سىناق تەرىقىسىدە شياڭگۇ يېتىلدۈرگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ كەنت ئاھالىلىرى كەينى - كەينىدىن خىزمەت ئەترىتىگە كېلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. ھازىر 238 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى قاتناشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، «باشلامچى كارخانا+ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى+ مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلە» تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلە «نامراتلىق قالپىقى»نى ئېلىپ تاشلىدى.

«كۆچكەن»دىن كېيىنكى گۈزەل تۇرمۇش

«بىز ھازىر ئىسسىنىشتا كۆمۈر قالىمايدىغان بولدۇق، توك، سۇ ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق، يەنە پۇل تېپىپ يېڭى تېلېۋىزور، كىرئالغۇ سېتىۋالدۇق. تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جاپالىق تۇرمۇش بىلەن خوشلاشتۇق.» 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ سىلۇ جيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، بارىن يېزىسىنىڭ خانتېرەك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە سىدىقجان جۈمەك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق. ھازىر سىلۇ جيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بەش يېزا - بازار ۋە چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى 1400 ئائىلىلىكتىن كۆپ ئاھالە كۆچۈپ كەلدى».

«ئىلگىرى مەن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغدا چارۋا بېقىشقا تايىنىپ ياشايتتىم، تاغ يولى ناچار، توك بېسىمىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى، ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز كېسەل بولۇپ قېلىش ئىدى.» سىدىقجان مۇنداق دېدى: ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىدا سۇ، توك، پار بار، يەنە دوختۇرخانا، يەسلى، پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلار سېلىنغان، تۇرمۇش سەۋىيەمىز ئىلگىرىكىدىن خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

كۆچكەندىن كېيىن، سىدىقجان ئولتۇراق رايوندا خەلققە قولايلىق تاللا بازىرى ئاچتى ھەم كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، تاللا بازاردا توك پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش تور نۇقتىسى ئېچىپ، ئايلىق كىرىمىنى 3000 يۈەندىن ئاشۇردى.

چارۋىچىلىق رايونىدىن شەھەر رايونىغىچە، چارۋىچىدىن مەھەللە ئاھالىسىگىچە، كۆچۈرۈلگەن نامرات ئاھالىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يۆلىشى بىلەن «كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئاچتى

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىر ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ سىلۇ جيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بارغىنىدا، بۇلتۇر 9 - ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شىنجاڭ جۇڭيىنتۇڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە، ئىشچىلار ئاقما لىنىيەدە يان تېلېفون تىڭشىغۇچىنى قۇراشتۇرۇۋاتاتتى.

ئاقتۇ ناھىيەسى چارلۇڭ يېزىسىنىڭ قايىز كەنتىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن بۇپاتەم مۇلاننىڭ ئۆيىدە بەش جان بولۇپ، ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بۇپاتەممۇ كەسىپلەر باغچىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.

«زاۋۇتنى ئىشىك ئالدىدا قۇرۇش» ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ جۇڭيىنتۇڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، ئەتراپتىكى 130دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. زاۋۇت باشلىقى شيې سۇڭدې مۇنداق دېدى: «شىركەت يەنە يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، يان تېلېفون تىڭشىغۇچى، لەنيا تىڭشىغۇچى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ».

يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بارىدىغان جايى بولۇشى، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشى، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشى، تۇرۇپ قالالايدىغان بولۇشى ئۈچۈن، ئاقتۇ ناھىيەسى يېڭى تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمگەكچى چىقىرىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى+كارخانا+ئەمگەكچى چىقىرىش ئەترىتى» «پارتىيە ياچېيكىسى+كەسىپلەر جەمئىيىتى+نامرات ئائىلىلەر» قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كۈندە كىرىمى بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار بىلەن كېڭىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتلىرى تەسىس قىلىپ، ئەمگەكچى چىقىرىش يېشىل يولىنى دائىملاشتۇرۇشنى، قانۇنىيەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2019 - يىلىلا، ئاقتۇ ناھىيەسى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 46 مىڭ 800 ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى