تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى): بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 12 مىڭنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىدۇ، بۇمۇ بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «خەلق تۇرمۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش»ىنىڭ بىرى.
3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغا سىلجىتقان، نۆۋەتتە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشقا باشلىغان.
«2020-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش ‹ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىش›نى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، 2020-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سانىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىپ، كۆپ يوللۇق قۇرۇلۇش قىلىدىغان، كۆپ مەنبەدىن مەبلەغ سالىدىغان، كۆلەملەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىشنى باشقۇرۇش كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 12 مىڭنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، شىمىگۇ رايونىدا يېڭىدىن 2500 نى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى ۋە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېڭىدىن 1000نى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى جۈن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىشتىن باشقا، ئۈرۈمچى يەنە ئاقىل ئاپتوموبىل توختىتىشنى يولغا قويۇپ، ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى ئىندۇكتىۋسىز تۆلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش جۇغلانما ھەققىنى تۇتۇش، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ھەق ئالماسلىق، ۋاقىتقا بۆلۈپ ھەق ھېسابلاش قاتارلىقلارنى يولغا قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىدۇ.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۈرلۈك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن جەمئىي 4457سى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 403 مىڭى بار بولۇپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاممىۋى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى 53 كە يەتكەن.