تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۇما ناھىيەسىدىكى كارخانىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، گۇما ناھىيەسىدىكى فاڭيۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچا رايونىدا، ئەتراپتىكى يېزا، بازارلاردىن كەلگەن 270 نەچچە دېھقان ئىشلەمچى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتاتتى، بۇلار ئىچىدە 220سى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى.

  بۇ شىركەت ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىسى، دۆلەتنىڭ ئۈچ يۇلتۇزلۇق داڭلىق ماركا كارخانىسى بولۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش، تەربىيەلەشنى بىر گەۋدە قىلغان.

  شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى زى گۇيشىن مۇنداق دېدى: «ھازىر، بىز ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەنگەن، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقىنى يولغا قويدۇق، بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش قويلىرىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى خىراجەتسىز، خەۋپ-خەتەرسىز ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، ھەريىلى نامرات ئائىلىلەرگە 1 مىليون 458 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىم قىلىپ بەردۇق، 1374 ئائىلىدىكى 4374 كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق».

  3-ئاينىڭ 12-كۈنى، گۇما ناھىيەسى فاڭيۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى يەر ئاغدۇرۇپ، چۆنەك ئېچىپ، پىچەكگۈل تېرىشقا تەييارلىق قىلماقتا. (بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت). شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

  خوتەن خەيلو قېلىپلاشقان ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 2016-يىلى 8-ئايدا كىرگۈزگەن نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان كارخانا. 2017-يىل 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 2019-يىلى شىركەت پىششىقلاپ ئىشلىگەن ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تىپىدىكى قېلىپلاشقان ماتېرىيال 10 مىڭ توننىغا، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تىپىدىكى ئىشىك، دېرىزە 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا، مەھسۇلات قىممىتى 150 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شىركەتتە ھازىر 150 ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 47 نامرات ئاھالە بار. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرى-سېتىش تىپىدىكى قېلىپلاشقان ماتېرىيال جەمئىي 23 مىڭ توننا، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تىپىدىكى ئىشىك، دېرىزە 240 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 270 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 728 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، 540 نەچچە ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئائىلە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

 

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى