تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆچەت ئىشلەپچىقىرىش بازا ناھىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خۇڭ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆچەت بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنى جەنۇبىي شىنجاڭ كۆچەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ناھىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شىنبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى بەرپا قىلماقچى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ كۆچەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئاساسلىقى توققۇز يېزا-بازارغا تارقالغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1000 مودىن ئاشىدۇ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسى كەسپىي كۆچەت يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كۆچەت يېتىشتۈرۈش ئائىلىلىرى شەكلىدە قۇرۇلىدۇ، كۆچەت تۈرلىرى ئاساسلىقى تېرەك، ئۈزۈم، ئۆرۈك، جىگدە، ئانار، ئەنجۈر، ئالما، ئامۇت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بازىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 11-، 13-كۈنلىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۇپراق-ئوغۇت مۇتەخەسسىسلىرىنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كېلىپ، تۇپراق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۆچەتلەرنىڭ ئۇلىنى ئىلمىي ئوغۇتلاشنى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇرۇق-كۆچەت يېتىشتۈرۈش پونكىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاۋات ناھىيەسىدىكى كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈلىدىغان يەر تەييارلىقى، باشاق ۋە ئۇرۇق ھەمدە زاپاس مىقدارى، ئەسلىھەلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش، ئوغۇت سۈيىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ھەمدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى.

  بۇ كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسى ئاقسۇ ۋىلايىتى دائىرىسىدە ھەر خىل كۆچەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆچەت يېتىشتۈرۈش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈپ بىر تۈركۈمنى يۆلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى