تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرى مائاشىنىڭ مەمۇرلار سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك كومىتېتى ئىشخانىسى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەنگۇڭتىڭى ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بەنگۇڭتىڭىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، 2020 - يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش كىرىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ قېتىمقى نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك ئاساسلىقى 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئومۇمىي نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش كىرىمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش ئەھۋالى، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش كىرىمىنى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاش كىرىمىگە ئەگىشىپ جانلىق تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك يەرلىكنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشى ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. 2020- يىلى 3- ئايدىن 7– ئايغىچە، ھەر قايسى جايلار نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش مەزمۇنىغا سېلىشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتە بارلىق ناھىيە ( شەھەر، رايون ) لەرنى قاپلاش؛ 9- ئايدىن 10– ئايغىچە، گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك كومىتېتى ئىشخانىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلاردىن بىرلەشمە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دوكلات ئاڭلاش، ماتېرىيال كۆرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نەق مەيداندا نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك نەتىجىسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە دوكلات قىلىنىدۇ، مەسىلىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ھەمدە مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ